ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (9)

0:00 / 0:00

دوك بارنېت ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە قانداق مەلۇماتلارنى سۇندى؟ (1)

1947-يىلى 8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ماناس دەرياسى لىنىيەسىدە قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، جۈملىدىن 1947-1949-يىللىرى خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى ۋە خەلقئارادا سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنىڭ راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئارىسىدىكى رىقابەتلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بولۇپمۇ 1947-يىلى 6-ئايدىكى بەيتىك تېغىدا يۈزبەرگەن خىتاي قوشۇنى بىلەن موڭغۇلىيە ئارمىيەسى ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن خىتاي دۇنياغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيەنى ئىشقا سېلىپ «جۇڭگو زېمىنلىرىغا بېسىپ كىرگەنلىكى» قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەيدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە نارازىلىقلارنى كۆپەيتىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەرەپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا 1947-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوسمان باتۇر ئۈرۈمچىدىكى جاڭ جىجوڭ ۋە «شىنجاڭ گارنىزون قوماندانى» سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي ھەربىي-مەمۇرىي تەرەپنىڭ قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە مەلۇم ساندىكى ئەسكىرىي كۈچ ياردىمىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن ئالتاينى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، 9-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە داۋاملىق تارباغاتاي ۋە ھەتتا ئىلىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئوسمان ئىسلام قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئالتاينى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئوسمان ئىسلامنى تارمار قىلىپ، ئۇنى قايتىدىن بەيتىك ئەتراپىغا قوغلاپ چىقاردى. بۇ ئەھۋاللار سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سوغۇق-مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن باغلانغانىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مانا شۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيىتى شارائىتىدا 1948-يىلى 8-ئايلاردا ئامېرىكانىڭ «دۇنيا ئىشلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە «چىكاگو گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئا. دوك بارنېت ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ بىر ئاي ئەتراپىدا تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى. 1940-يىللاردىكى ئامېرىكا ژۇرنالىستلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىقات قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەلۋەتتە دوك بارنېت ئەپەندىمۇ خىتاي تەرەپنىڭ ئۆلكە ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشلىرى، بۇ يەردىكى قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا باغلاپ قارىلاشلىرىغا ئىشەنمەستىن، مەسىلىنى ئۆزى بىتەرەپ چۈشىنىشكە قىزىققا ۋە تىرىشقان پېگگي پاركېر، باربارا ستېپېنس قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ۋە ژۇرنالىستى ئىدى.

دوك بارنېتنىڭ باشقا مۇخبىرلاردىن پەرقلىق بولغان بىر تەرىپى ئۇ ژۇرنالىستلا ئەمەس بەلكى تەتقىقاتچىغا خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، خەلقئارا مۇناسىۋەت، خىتايغا قارىشى قوراللىق كۈرەشلەر، مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ جەريانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ۋەقەلەر، مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇ ئاخىرىدا مەخسۇس «شىنجاڭ ئۆلكىسى ھەققىدە مەلۇمات» نامىدا چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئۇنى 1948-يىلى 9-ئايدا دۇنيا ئىشلىرى ئىنستىتۇتى باشلىقىغا يوللىدى

شۈبھىسىزكى، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق سىياسەت ۋە ياكى پوزىتسىيەدە بولۇشىنى بەلگىلىشىدە رول ئويناش خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. دوك بارنېت ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلاشتا ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى جون خال پاكىستوننىڭ ياردەملىرىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا زىيارەتتە بولغان. خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن مەسئۇد سەبىرى، ئەيسا ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، قازاقلاردىن جانىمخان، تاتارلاردىن بۇرھان شەھىدى، خىتايلاردىن تاۋ سىيۆ، ليۇ مېڭچۈن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. يەنى، ئۇ زىيارەت قىلغان ۋاقىت دەل مەسئۇد سەبىرى ئۆلكە رەئىسى، ئەيسا ئەپەندى باش كاتىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەمىرات نازىرى، جانىمخان مالىيە نازىرى بولغان، ئۈچ ئەپەندى ئۆلكىدە تۈركچىلىك ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلىشنى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەمدە ئىلى ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقاتلارنى جانلاندۇرۇۋاتقان ۋاقىت ئىدى.

ئاپتور مەزكۇر مەلۇماتنامىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئەھۋالى، سىياسىي يۈزلىنىشى، تارىخى، جۈملىدىن ئىلى ئىنقىلابىدىكى رولى ۋە ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلەيدىغان، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ھەم ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

دوك بارنېت ئۆز زىيارىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا كۆرگەنلىرىدىن باشلايدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە ماناس دەرياسى چېگرا لىنىيەسىدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى تۇرغان بولۇپ، دەريانىڭ شەرقى قىرغىقىدا خىتاي تەرەپتىن 16 ئەسكەر پوستتا تۇرغان. غەربىي قىرغىقىدا بولسا شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىن 6 ئۇيغۇر ئەسكەر تۇرغان. دوك بارنېت بۇ 6 ئەسكەرنى تېخى «ئېتىراپ قىلىنمىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئەسكەرلىرى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى، يەنى شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىلى ھۆكۈمىتى، يەتتە ۋىلايەتنى خىتايلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

دوك بارنېت ئۆزىنىڭ مەزكۇر 41 بەتلىك يازما مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ياقۇپ بەگ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىلىتارىستلار دەۋرى، بولۇپمۇ شېڭ شىسەينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بارنېت دوكلاتىدا ئۆلكىنىڭ مىللەت، نوپۇس قۇرۇلمىسى، ۋىلايەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى، خەرىتىلىك ئەھۋالى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، كانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇماتلارنى بەرگەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرى، يەنى خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت ئىدى. بىراق ئۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىگە كىرىپ، ئۇ جايدىن رەسمىي مەلۇمات ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان.

دوك بارنېت يەنە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەرىتىسىنى تۈزۈپ كۆرسەتكەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتقىچە، خىتايلار ۋە باشقىلار تەرىپىدىن «ئىلى تەرەپ»، «ئىلى ھۆكۈمىتى»، «غۇلجا ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاپ كېلىنگەن شىمالدىكى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ خەرىتىسىگە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ يازغان.

شۈبھىسىزكى، ئۇ ئېھتىمال تۇنجى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ دۆلەت خەرىتىسىنى سىزىپ كۆرسەتكەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.

ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى دوك بارنېتنىڭ تولۇق ئىسمى ئارتۇر دوك بارنېت بولۇپ، ئۇ 1921-يىلى شاڭخەيدە ئامېرىكالىق شىركەت خادىمى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق دەۋرىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈپ خىتاي تىلىدا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان.

ئۇ 1942-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئوفىتسېر بولغان. 1947-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتايدا ژۇرنالىستلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە ئىزدەنگەن. 1950-يىلىدىن كېيىن ۋە 1960-1980-يىللاردا مەخسۇس ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلغان. دوك بارنېت بۇ ساھەدە تونۇلغان سىياسەت تەتقىقاتچىسى ۋە ئاتاقلىق ئەربابقا ئايلانغان. ئۇ ئىلگىرى كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بروكىڭ ئىنستىتۇتى، جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا پروفېسسورلۇق ۋە تەتقىقاتچىلىق ۋەزىپىلىرىدە بولغان ھەم 20 دىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى نەشر قىلغان. 1999-يىلى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ۋاپات بولغان.