ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناسى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دەسلەپتە ئامېرىكا ئىلىم ساھەسى ۋە سىياسەت قاتلىمىغا تونۇشتۇرغۇچى ئەربابلارنىڭ بىرى شۇنىڭدەك بۇ ساھەدە ئىزچىل يېتەكچى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلگەن ئانتروپولوگ، كالىفورنىيەدىكى پامونا كوللېجىنىڭ تىنچ ئوكيان ئويمانلىقى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە پروفېسسورى درۇ گلادنېي ئەپەندى 17-مارت كۈنى 65 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.
درۇ گلادنېينىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى ئۇنىڭ دوستلىرى، خىتاي تەتقىقاتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ تۇشمۇتۇشتىن تەزىيە بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىشىگە ئېرىشتى. درۇ گلادنېينىڭ كەسىپداشلىرىدىن بىرى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىيوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا تەرەققىياتلار پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ۋە پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئالاقىلىرى ۋە ھەمكارلىقلىرىنى ئەسلەپ ئېلخەت ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن درۇ بىلەن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان خىتايدىكى ئىسلام دىنى يىغىنىدا تونۇشتۇم. بۇ كەچۈرمىش مېنى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى 90-يىللارنىڭ بېشىدا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ مەن كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئالاقىدە بولدۇق، ئۇ كەسپىي ھاياتىمدا يېتەكلىگۈچى ۋە دوست بولۇپ كەلدى. مەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمنى قەدىرلەيمەن. ئۇ قاچان ۋاشىنگتونغا كەلسە، بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە كەسپىمىزدە ئۇچرىغان سىناق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر ھەققىدە كۆرۈشۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ باراتتۇق. مەن ئۇ دەقىقىلەرنى سېغىندىم، مەن درۇنى بەك سېغىندىم. ئۇنىڭ بالدۇر ۋاپات بولۇپ كېتىشىدىن قاتتىق قايغۇردۇم»،
درۇ گلادنېينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكادا دەسلەپكى تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ۋە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە بىلىشتە زور ھەسسە قوشقان ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شان روبېرتىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە: «درۇ گلادنېينىڭ ئىلمىي خىزمىتى ۋە تاراتقۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە دىققەت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بۇ رايون ۋە ئۇنىڭ خەلقلىرى ھەققىدە پەقەت بىر قانچە مۇتەخەسسىسلا تەتقىقات قىلغانىدى».
2000-2004-يىللىرى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا 17 نەپەر مۇتەخەسىسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» نامىدا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، درۇ گلادنېي بۇ تەتقىقاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسىتى مەسىلىلىرىنى ئانالىز قىلغانىدى. ئاخىرىدا بۇ تەتقىقاتلار «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار زېمىنى» ماۋزۇلۇق كوللېكتىپ ئاپتورلۇقىدا 2004-يىلى نەشر قىلىنغان. ۋەھالەنكى، بۇ ئەسەر نەشر قىلىنىش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، چېگرا تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىقلار بۇ ئەسەرگە دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قاراپ، بۇ كىتابنى ئىچكى ج ئەھەتتە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ، بۇنى «شىنجاڭنى پارچىلاش پروگراممىسى ۋە قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىغان، خىتاي تەرەپ كىتابقا ۋە كىتاب ئاپتورلىرى ئالىملارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازالاش يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشىنى چەكلىگەن ھەم «خىتايغا ئۇچۇشتىن چەكلەش تىزىملىكى ئېلان قىلغانىدى».
درۇ گلانېي ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايدىكى مىللىي سىياسەت ۋە باشقىلار ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىن باشقا، يەنە «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «CNN»، ئامېرىكا ئاۋازى، دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو، «ھەپتىلىك خەۋەر»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «لوس-ئانژېلېس ۋاقتى»، ۋە باشقا نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىمۇ دائىم تونۇشتۇرۇپ تۇرغانىدى.
درۇ گلادنېينىڭ ۋاپاتى «ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇلۇشى ساھەسىدىكى بىر چوڭ يوقىتىشتۇر» دەيدۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى خېنرىك شازاۋسكي ئەپەندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «درۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياخشى دوستى ئىدى، ئۇ ئاز ساندىكى ئالىملاردىن بىرى سۈپىتىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشقان. بۇنداق بولغاندا، درۇ ئوچۇق-يورۇق ۋە قورقماس ئاكادېمىك بولۇپ، ئۇيغۇر تەجرىبىسىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى تۇتاشتۇرغان».
خېنرىك شازاۋسكي ئەپەندى درۇ گلادنېينىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ: «درۇ بىر يول ئاچقۇچى ئىدى. ئۇ، تۈركىيە ۋە خىتايدىكى ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشنى ھازىرقى قىزىقىشلارغا قارىغاندا خېلى بۇرۇنلا ئىلمىي تەتقىقات خەرىتىسىگە كىرگۈزگەنىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش يوللىرىنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كېتىشى جەمئىيىتىمىزگە چوڭ زىيان ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دوستى، يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئىتتىپاقدېشىدىن ئايرىلىشتۇر» دەيدۇ.
پروفېسسور شان روبېرتىس درۇ گلادنېي ۋە باشقا ئامېرىكالىق ئالىملارنىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «درۇ يېقىنقى بەش يىلدا خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن پاجىئەنىڭ ئامېرىكادىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ كۈن تەرتىپىدە قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەركىن ئىتتىپاقلاشقان ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. قانداقلا بولمىسۇن، درۇنىڭ بۇ گۇرۇپپىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە مۇھىمدۇر. ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچىلەر ساھەسى ۋە ئانالىزچىلار بىلەن بولغان تېخىمۇ كەڭ ئالاقىلىرى ۋاشىنگتوندىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاقىللار دۇنياسىدىكىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى بەش يىلدا ئىزچىل بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، مەن ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن دائىم مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقىت ئاجرىتىپ بەرگەنلىكىدىن ئالاھىدە بەختلىك ھېس قىلدىم».
درۇ گلادنېي خىتايدىكى مىللىي سىياسەت ۋە مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئانترولوگىيە ۋە تارىخىي مەسىلىلەر بويىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تۆت ئىلمىي كىتاب ئېلان قىلغانىدى.
شان روبېرتسنىڭ دوكتور گلادنېينىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «دوكتور گلادنېينىڭ خىزمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن دەۋردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئەسەرلەرنىڭ بىرىنىنى يېىزىشتۇر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ ئەسىرى تەتقىقاتنىڭ تۈسىنى تىكلەپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان بۇ تېمىلاردا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يېڭى ئالىملارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان رامكا ئورناتتى. ئەگەر سىز يېقىنقى ئوتتۇز بەش يىلدا ئۇيغۇرلارغا ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكى سىياسىتىگە يېزىلغان ھەر قانداق كىتابنى كۆرسىڭىز، مۇقەررەر ھالدا درۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇلارنىڭ تەرجىمىھالىدىن تاپالايسىز».
درۇ گلادنېي ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەنمۇ ئالاقىلەردە بولغان ۋە ئۇلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى. ھازىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، درۇ گلادنېينىڭ ۋاپاتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملارمۇ، ھەتتا ئۇ ئۇچراشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قايغۇرغان. درۇ گلادنېي كۆپ قېتىم قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىمۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغانىدى ( ئاۋاز).
مەرھۇم پروفېسسور درۇ گلادنېي ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە پىكىردېشى سۈپىتىدە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ كۆپ قېتىم ئۇچراشقان. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرغان، ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستى ئىدى.
درۇ گلادنېي كالىفورنىيەدىكى پومونا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە سىياتېل شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىمائىي ئانتروپولوگىيە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانىدى.