ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر كىنو سەنئىتى تارىخىدىن (1)

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، مىللىي تىياتىر، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، «جازۇشى»، «مەكتەپ» نەشرىياتلىرىدا ئۇيغۇر بۆلۈملىرى ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. «ئالىتاغ» تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرچە پروگراممىلار ۋە قازاقىستان رادىئوسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشلار خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىلىرى ئاڭلىتىلدى. شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بولسا ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋام قىلدى.

ئەنە شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە مەدەنىيەت ھاياتىدا كىنو سەنئىتىمۇ مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بىر قىسىم كىنو ستۇدىيەلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتى ھەققىدە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلىگەن ۋە بىر قىسىم ئاتاقلىق كىنو ئارتىسلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى.

ئالماتا شەھىرىدىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1980-يىللاردا بەزى تارىخى تېمىدىكى ھېكايە فىلىملار ئىشلەنگەن بولۇپ، «ئەجدىھا يىلى» ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 1982-يىلى قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى ئالماتادىكى كىنوخانىلىرىدا قازاقىستاننىڭ «ئېلىم-ئاي» كىنو ستۇدىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى، تونۇلغان رېژىسسور ئاسانەلى ئەشىموفنىڭ «ئەجدىھا يىلى» ناملىق بەدىئىي فىلىمى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. مەزكۇر فىلىم، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ مۇشۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقان ئىدى. ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «مايىمخان» رومانى ئاساسىدا «قازاقفىلىم» كىنو ستۇدىيەسىدە رۇس تىلىدا ئىشلەنگەن بۇ فىلىمنىڭ كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى ئانچە ئۇزاققا سوزۇلمىدى. بۇ يەردە يەنە شۇ ئىككى مەملىكەت، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سەۋەب بولغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەمما كېيىنكى يىللىرى، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېنىقراق ئېيتسام، بۇنىڭدىن 5-6 يىل ئىلگىرى بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەزكۇر فىلىم قويۇلۇپ كەلدى. ھازىر ئۇنى ئىنتېرنېت تورلىرىدىن ئىزدەپ تېپىپ، كۆرۈشكە بولىدۇ».

فىلىمدا 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى مايىمخاننىڭ ئازادلىق كۈرەش ھاياتى ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھېكايە قىلىنغان ئىدى.

زۇلفىيە كەرىموۋا ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي كىنو سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «ئۆزبېكفىلىم» كىنو ستۇدىيەسى ئىشلەپ چىققان «نۇزۇگۇم» بەدىئىي فىلىمىنىڭ تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، نۇزۇگۇم ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكىدىن ئەنە شۇ نۇزۇگۇم، مايىمخان، ئىپارخان، رىزۋانگۈل قاتارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئايال قەھرىمانلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا.

1991-يىلى تونۇلغان ئۆزبېك رېژىسسورى ئابرار قاسىموف تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمان قىزى نۇزۇگۇم ھەققىدىكى «نۇزۇگۇم» فىلىمىنىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى خېلىل ھەمرايېف بولغان ئىدى. فىلىمنى ئىشلەشكە باشقىلار قاتارىدا شۇ ۋاقىتتىكى تالدىقورغان ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق كالىنىن ئىگىلىكىنىڭ رەئىسى ئازاد مەشۇروفمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى.

«نۇزۇگۇم» فىلىمىنىڭ باش رولىنى ئورۇنلىغۇچى، ئالماتادىكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى دراما تىياتىرىنىڭ ئارتىسى سۇمبات غېنىياروۋانىڭ ئېيتىشىچە، 1991-يىلى ئۆزبېكىستانلىق رېژىسسور ئابرار قاسىموف ئۇنىڭغا نۇزۇگۇم رولىنى ئويناش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا فىلىم بىر سائەت يىگىرمە مىنۇت كۆلەمدە ئىشلىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭغا سۇمبات غېنىياروۋادىن باشقا يەنە شۇ تىياتىرنىڭ ئارتىسى راھىلەم مەشۈروۋا ۋە شائىر خېلىل ھەمرايېف تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

سۇبات غېنىياروۋا مەزكۇر فىلىمنى تەييارلاشتا ئات چېپىش، سۇ ئاستىدا ئۈزۈش، ئوت ئىچىدىن ئۆتۈش، سەكرەش، يۈگۈرۈشكە ئوخشاش مەشىقلەردىن ئۆتۈپ، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ كۆپ قىينالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نوزۇگۇمنىڭ روھى مېنى قوللىدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىز شۇ كەتمەن تاغلىرىدا نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرىدە چۈشكەن ۋاقىتلاردا شۇ يەردە دەپتەر بار ئىدى. شۇ دەپتەردە نۇزۇگۇم توغرىلىق كۆپلىگەن ئىنكاسلار يېزىلغان ئىدى. مەنمۇ يازدىم: نۇزۇگۇم، سىز مۇشۇ كىنو جەريانىدا ماڭا ياردەم بەرسىڭىز. بىلمەيمەن قانداق ياردەم قىلالايسىز، بىراق سىزدىن ياردەم كۈتىمەن. شۇنىڭ بىلەن نۇزۇگۇم مېنىڭ چۈشۈمگە كىرىشكە باشلىدى».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان كىنو رېژىسسورى ئابرار قاسىموف سۇمبات غېنىياروۋانى بىلەن خېلىل ھەمرايېفنى شەخسەن ئۆزى كىنودا رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان ھەم ئۇ ئۆزىمۇ تالانتلىق كىنو ئارتىسى ئىدى. سۇمبات غېنىياروۋا فىلىمنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرىنى كەتمەن تېغىغا جايلاشقان نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرىدە ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا سۈرەتكە ئالغانلىقىنى شۇنداقلا ياركەنت تەۋەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭمۇ فىلىمغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ھازىر كەتمەن تاغلىرىدىكى مەشھۇر نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىپ كۆرىدىغان ئورنىغا ئايلاندى.

زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا 1970-80-يىللاردا «ئەجدىھا يىلى»، « سىرلىق ئالما»، «نۇزۇگۇم» ۋە باشقا فىلىملارنىڭ ئىشلىنىشىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك مەزگىلى مەلۇم دەرىجىدە ئارقا كۆرۈنۈشلۈك رولىغا ئىگىدۇر. بۇ مەزگىللەردە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات، سەنئەت، ئەدەبىيات ئورۇنلىرىنى خىتايغا قارشى تەشۋىقات يۈرگۈزۈشتە كەڭ تۈردە پايدىلاندى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، چۈنكى، 1962-1969-يىللىرى ئارىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلىشىشكە باشلىدى ھەم بىر نەچچە قېتىم ئىككى مەملىكەت چېگراسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەردى. پەقەت 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بارا-بارا نورماللىشىشقا باشلاپ، ئارىدا بېرىپ-كېلىشلەر كۆپەيدى، سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر قويۇقلاشتى. ئەمما بۇ مۇناسىۋەتلەر 1991-يىلغىچە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگۈچە داۋام قىلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ-كېلىشلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەنگەن فىلىملار ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپلەپ كىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ چوڭ بولدى. 1990-يىللاردىن كېيىن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بەزى كىنو رېژىسسورلىرى ئۆزلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىملارنى ئىشلەشكە كىرىشتى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا دەسلەپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلارنىڭ بىرى، تونۇلغان دراماتورگ، رېژىسسور جامالىدىن روزىيېف ئىدى. ئۇ ئالماتادىكى «ئالىتاغ» تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان پەيتىدە «ئوتلۇق يىللار» ماۋزۇلۇق بەدىئىي فىلىمنى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر رېژىسسورلارنىڭ ئىشلىگەن تۇنجى فىلىملىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى.