ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ-زەرۋات مەكتىپى

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان زەرۋات مەكتىپى ھازىرمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

1919-يىلى، ئالماتا شەھىرىدە قۇرۇلغان سوپى زەرۋات مەكتىپى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەسلەپكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز تارىخىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئىجتىمائىي پەن ۋە تېخنىكا تېخنىكومى ئەنە شۇ مەكتەپنىڭ مىراسخورىدۇر. ھازىر بۇ يەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئېلىۋاتماقتا.

سوپى زەرۋات مەكتىپى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، سىياسەت ۋە باشقا ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئەربابلارنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ 1920-1930-يىللاردىكى تارىخىدا ئۆمەر مۇھەممەدى، لاتىپ ئەنسارى ۋە باشقا ئونلىغان مەشھۇر مەدەنىيەت نامايەندىلىرى، شائىرلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.