توكيودا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇلۋاھاپ قارا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جۇستىن جاكوبس ئەپەندى، توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا مەدەنىيىتى ۋە تىللىرى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور جىن نودا ساباھ ئەپەندى، ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ريوسۇكە ئونو ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان پروفېسسور جىن نودا ساباھ ئەپەندى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىنىمىزنىڭ ئىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققە كۆچۈش. يەنى يىغىنىمىزدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ 1940-1950-يىللاردا شىنجاڭدىن ھىندىستان كەشمىر ئارقىلىق تۈركىيەگىچە بولغان كۆچۈشىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق».

كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش تارىخى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاب ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىدۇر. ئۇ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 1949-يىلىدىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەمتىمىن بۇغرالارنىڭ كەشمىر، ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ 1940-1950-يىللىرىدىكى، ھەتتا 1960-يىللاردىكى كۆچۈشلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى، پايدىلىق بىر يىغىن بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا تېمىلار ئەتراپلىق بايان قىلىندى. يېڭى كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. توغرىسىنى دېسەم بۇ تېمىلارنىڭ بۇنداق تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ كۆچۈشنىڭ ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ يولغا چىقىپ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا تۈركىيەگە يېتىپ كېلەلىگەن تراگېدىيەلىك كۆچۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دوكلاتىمنىڭ تېمىسى 1949-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە بولغان كۆچۈشلەر ئىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇ زاماندىكى لىدېرلارنىڭ يىغىن ئېچىپ ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن قانداق قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا، قىسقىسى بۇ كۆچۈشلەرنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھازىرقى كۆچۈش بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم».

يىغىنغا توكيودا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىممۇ ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىغىندا بەزى يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جۇستىن جاكوبس ئەپەندىنىڭ تەيۋەنگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ۋە يولۋاس ئەپەندى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور جىن نودا ساباھ ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 6 كىشى ئىلمىي دوكلات بەردى. مەزكۇر ماقالىلەر 2019-يىلى ئىنگلىز تىلىدا ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشر قىلىنىدۇ».

ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلۋاھاپ قارا ئەپەندى يازغان «قازاقلارنىڭ ئالتايلاردىن ئاناتولىيەگە كۆچۈشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1939-يىلى 500 ئەتراپىدا قازاق تۇنجى بولۇپ ھىندىستانغا كەلگەن. كېيىنكى يىللاردىمۇ بۇ كۆچۈش داۋاملاشقان. قازاق ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر 1950-يىلىغىچە ھىندىستان بىلەن كەشمىردە تۇرغان. 1951-يىلى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئەنقەرەگە بېرىپ يول مېڭىشى بىلەن ئۇ، ۋاقىتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلغان.

يەنە مەزكۇر ماقالىدە يېزىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار 1952-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە تۈركىيەگە كېلىپ بولغان بولۇپ، 1954-يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كېلەلىگەنلەرنىڭ سانى 1850 ئەتراپىدا ئىكەن.