1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەت ئارزۇسىنىڭ يوقىتىلىشى
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا مۇختارىيەت ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى. ۋەھالەنكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا مۇختارىيەت، يەنى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرمىگەنلىكى، بۇنىڭ بىر ساقتا ئاپتونومىيە ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىق شىكايەتلىرىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ۋە بىر ئەسىرگە يېقىن ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ شاھىتى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1955-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت ئارزۇلىرىغا ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقنى بېرىشتىن باش تارتىش ھەم تەقىبلەش سىياسەتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ 1955-يىلى10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغلاردا كۆرگەنلىرىنى ئالدى بىلەن بايان قىلدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردۇق دېسىمۇ، ئەمما بۇنى ھېچقاچان بەرمىدى، بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆزلىرى مونوپول قىلدى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆز تىلىدىكى مائارىپتىن ئىبارەت ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىمۇ تارتىۋالدى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش خۇلاسىسى چىقاردى» دېدى.

پۈتۈن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
( داۋامى بار)