تۈركىيەدە ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولمىسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەرجىمە قىلىنغان رومان سانى تېزلا كۆپەيمەكتە.
1980-يىللاردا خىتاينىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن تۈركلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار يېڭى باسقۇچقا كىرگەن. 1997-يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق تارىخى ئەسىرى 2000-يىلىدا ئەنقەرەدىكى ئوجاق نەشرىياتى تەرىپىدىن، يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانى 2015-يىلى ئىستانبۇلدىكى كاكنۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن، 2016 يىلى بولسا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق تارىخى رومانى نەشر قىلىندى.
تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ئەسەر ئۆتكەن ئاي تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بويالىقۇش نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نېمە؟ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي رومانلىرىنى تاللاپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە 4 تارىخى روماننىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، بۇ خىل رومانلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
1991-يىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلىشقا باشلىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھۈليا قاساپوغلۇ خانىم 1994-يىلى «ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا تەھلىل» ماۋزۇلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازدى. مەزكۇر ئىلمىي ماقالە 1998-يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بولسا «ئىز» رومانى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازدۇرغان، مەرھۇمنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرغان. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇرچە رومان، ھېكايە ۋە شېئىر تەرجىمىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەڭ ئاز تەتقىق قىلىنغان ساھە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش خىزمەتلىرىنىڭمۇ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى، قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ خىزمەت بارلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىرغىچە 4 روماننىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 3 توملۇق «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشرىياتقا بېرىلگەنلىكىنى ۋە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.