ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرىنىڭ تەقدىرى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەۋى سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت سىياسىي ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن زىچ باغلانغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەتقىقاتلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇ سىياسەتلىرى بىلەن گىرەلەشكەنىدى. 1974-يىلى موسكۋادىكى «پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشر قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە 1955-يىلىدىن كېيىنكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوفنىڭ «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە» ماۋزۇلۇق 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى ئەسلىمە خاراكتېرلىك كىتابنىڭ باشتا موسكۋادىن، ئارقىدىن ئۇيغۇر تىلىدا 1977-يىلى ئالمۇتادىن تارقىتىلىشى روشەن سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگىدۇر. بۇ ئەسەر سوۋېت-خىتاي دوستلۇقى دەۋرىدە ئەمەس، ئەكسىچە دۈشمەنلىك، ھەتتا ئۇرۇش قىلىش جىددىيلىكى مەزگىلىدە يورۇققا چىقىرىلدى. «بۇ، مەخسۇس موسكۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىلغان ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان كىتاب ئىدى» -دەيدۇ ئالمۇتادا ياشايدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى، سابىق سوۋېت ئارمىيەسى پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ سوۋېت-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 1962-يىلىدىن باشلانغان ۋە جىددىيلەشكەن رەقىبلىك، سىياسىي توقۇنۇش، ھەتتا ھەربىي جەھەتتىكى توقۇنۇش ھەم ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى.

1960-يىلىغىچە پۈتۈنلەي خىتاينى ھەر جەھەتتىن قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى 1962-يىللاردىن كېيىنكى سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدە يۇقىرىقىدىن تامامەن ئەكسىچە يول تۇتتى. مانا بۇ ئەكسىچە يول موسكۋانىڭ ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە سەنئىتى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئاكتىپ ئىپادىلەندى. ئەنە شۇ 1960-1980-يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق ۋە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرەشلىرى بايان قىلىنىدىغان تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلىرى، مەسىلەن زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، مەسىمجان زۇلپىقاروف ۋە باشقىلارنىڭ تارىخىي رومانلىرى، پوۋېستلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتتە ئەنە شۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئازادلىق كۈرىشى مۇھىم تېما بولدى.
1962-يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىق ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايورۇلۇق ئۇنۋانىنى تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىپ ئالمۇتاغا يەرلەشكەن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى پولكوۋنىكى زۇنۇن تېيىپوف بىر مەزگىل سىياسىي تەربىيە ئالغاندىن كېيىن زاۋۇتلاردا مەسئۇللۇق خىزمەتلىرىدە بولدى. ئۇ، ئەنە شۇ 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىم كادىرلىرى، يەنى ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 1970-1980-يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىگە قارشى ھەر خىل پائالىيەتلەردە ۋە تەشۋىقاتلاردا بولغانىدى. زۇنۇن تېيىپوف بىلەن 1946-يىلىدىن باشلاپ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئالاقىلەردە بولغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئوفىتسېرى، 1960-1980-يىللاردىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ۋە ئىنستىتۇتلىرىدا خىزمەت قىلغان مەرھۇم ئۇيغۇرشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوف 2013-يىلى ھايات ۋاقتىدا زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئەنە شۇ «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە» ناملىق كىتابىنىڭ موسكۋانىڭ پىلانى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنى باشتا رۇسچە چىقىرىپ، ئارقىدىن تەرجىمە قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
زۇنۇن تېيىپوفنىڭ مەزكۇر ئەسلىمىسى رۇس تىلىدا «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە» دەپ ئاتالغان بولسا 1977-يىلى ئالمۇتادا ئۇيغۇر تىلىدا چىققاندا «شەرقىي تۈركىستان يېرىدە» دەپ نام بېرىلگەنىدى. ئۇيغۇرچىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئازراق تولۇقلانغان. ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە شەخسلىرىگە ئائىت قامۇس ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە مۇئەللىپى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئەسەر 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنقىلابى ھەققىدىكى تۇنجى ۋە بىرقەدەر ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن يېزىلغان ئەسەردۇر. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇر تارىخى قامۇىسىنى تۈزۈشتە بۇ ئەسەردىن كۆپ پايدىلانغان.
ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە قوللىغانلىقىنى يوشۇرغان ۋە مەخپىي تۇتقانىدى. ئەمما نېمە بولۇپ، 1970-يىللاردا زۇنۇن تېيىپوفنىڭ بۇ كىتابى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى. بۇ تارىخ موسكۋاغا نېمىگە كېرەك بولدى؟ قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسچە «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە» جەمئىي 120 بەت بولسا، ئۇيغۇرچە «شەرقىي تۈركىستان يېرىدە» 135 بەت بولۇپ، جەمئىي 3 باپتىن تەركىب تاپقان. كىتابتا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى، ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرى، 1944-يىلى 7-نويابىر غۇلجا قوزغىلىڭى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلەر، ئۈچ فرونت ئۇرۇشى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت، 1947-1949-يىللىرىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى كۈرەشلەر، ئەخمەتجانلارنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماي، ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرگە قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى قاتارلىق پۈتۈن تارىخىي جەرياندا بىرقەدەر ئىخچام يورۇتۇلغان. ئامېرىكادىكى 1940-يىللار ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى فەرۇخ تاران ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدىكى مۇھىم شەخس بولغاچقا ئۇنىڭ بايانلىرى ئىشەنچلىك ۋە پاكىتلىق رولىغا ئىگە.
1980-يىللاردا، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانلارغا يەرلەشكەن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئەسلىمىلىرى، ماقالىلىرى ئالمۇتادىن تارقىتىلىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتىدە كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. زۇنۇن تېيىپوفنىڭ مەزكۇر كىتابى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پايدىلىنىش ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.