ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنىڭ دەسلەپكى قۇربان قىلىنىش قىسمىتى
2018.02.01

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان پۈتۈن رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى زور سىياسىي داۋالغۇشلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي داۋالغۇشلار ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ سىياسىي داۋالغۇشلارنىڭ روشەن ئىپادىسى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇش غايىلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. بۇ سىياسىي غايە ئاساسلىقى 1920-يىللاردا سوۋېت بولشېۋىكلىرى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ۋە ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارىسىدا بارا-بارا راۋاجلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولسا، بۇنداق سىياسىي غايە يوشۇرۇن ھالدا بولغان بولسا، سوۋېت ھاكىمىيىتى شارائىتىدىكى تۈركىستاندا، يەنى پەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت، ئىسسىق كۆل ۋە يەتتىسۇ رايونلىرىدا ياشىغۇچى ھەم قەشقەرىيەدىن ياز مەزگىللىرىدە ئىشلەش ۋە سودا قىلىش مەقسەتلىرى بىلەن بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان زور ساندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ھەر خىل ئاممىۋى سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلۇمدىن ئازاد قىلىش شوئارلىرى ئاستىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى دۇنيا ئىنقىلابى شوئارى ۋە لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشېۋىكلەر پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شەرق خەلقلىرىنى مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىگە قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىق ۋەدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1920-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال باكۇدا تۇنجى قېتىم شەرق خەلقلىرى قۇرۇلتىيى چاقىرىش بىلەن ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارى، خىتاي، ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە باشقا جايلارغا كېڭەيتىشكە كىرىشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 1920-1921-يىلى ئارىسىدا يەتتىسۇ، تاشكەنت ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەچچە ئونلىغان سىياسىي، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ياچېيكىلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «ئالتىشەھەر-جۇڭغار ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان تەشكىلات ھەممىگە ۋەكىللىك قىلغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات 1921-يىلى 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى تۈركىستان بيۇروسى ۋە تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئومۇمى قۇرۇلتاي چاقىردى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەزكۇر تەشكىلات «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالدى ھەم ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خىزمەت پروگراممىلىرى تۈزدى. «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نىڭ ئەسلى تۈپ نىشانى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، ئۆز مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈركىستان كومىسسىيىسى باشلىقى يان رۇدزۇتاكنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنقىلاب قوزغاپ، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش لايىھەسىمۇ تۈزۈلگەن ئىدى. بىراق، 1921-يىلى، 6-ئايدا سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، ۋ. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلەر پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى 1921-يىلى، 4-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، رۇدزۇتاكنىڭ «قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرى» نى قۇرۇش لايىھىسىنى قوبۇل قىلمىدى.
ئارقىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ، 1921-يىلى، 18-دېكابىر كۈنى موسكۋادا ئېلىنغان مەزكۇر قارارغا ئاساسەن، تاشكەنتتىكى تۈركىستان كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نى رەسمىي تارقىتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «قوشچىلار ئىتتىپاقى» غا قوشۇلدى ۋە ئارقىدىن يەتتىسۇ ئوبلاستلىق كومىتېت تەركىبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە تارماقلىرى قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە مۇناسىۋەتلىك بىرلىككە كەلگەن تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەزىيىتى پەيدا بولدى ھەم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.
بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار سەۋەبىدىن تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدا داۋالغۇش، چۈشەنمەسلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا بولغان ئىدى. ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرلار موسكۋانىڭ ئەسلى تۈپ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، يەنى «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» رەئىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف 1922-يىلى، 11-نويابىر كۈنى سوۋېت رەھبىرى ستالىنغا دوكلات خېتى يېزىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ مەزكۇر مەخپىي خېتىنىڭ تولۇق نۇسخىسى يېقىندا ئامېرىكىدىكى «رۇسىيەنىڭ ئىسلام نۇقتىئىنەزىرى» دەپ ئاتالغان تەتقىقات لايىھىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خېتىنى: «شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىنى بىلىپ ۋە مەزكۇر خىتاي مۇستەملىكىسىدە كۈچىيىۋاتقان ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ دوكلات خېتىمنى يېزىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلدىم،» دەپ باشلىغان. ئۇ، يەنە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ھامان خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھازىر قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مىللەت، نوپۇس، ئىجتىمائىي جەمئىيەت تەركىبى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ باشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، ھەتتا سوۋېت كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن رۇدزۇتاك قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئاخىرىدا بۇ ھەرىكەت ۋە لايىھەلەرنىڭ كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ-سەۋەب ئامىللىرى ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتى ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق سوۋېت ئۇيغۇر رەھبەرلىرىگە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساددىلارچە سوۋېتلەرنىڭ ئېزىلگەن خەلقلەرگە ياردەم بېرىش شوئارلىرىغا ئىشەنگەن ۋە ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە ئايدىڭ ئەمەس بولغانلىقى ئۈچۈن مەخپىي پائالىيەتلەر، تەشكىللىنىشلەر يەنىلا داۋاملىشىۋەرگەن ئىدى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە قەشقەرىيە ھەم جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش لايىھىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەمەلىيەتتە لېنىن، تروتسكىي قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆزىگە شەرقتىن ۋە باشقا جايلاردىن كۆپلەپ ئىتتىپاقچىلارنى تېپىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلۇشى ۋە قورشاۋغا ئېلىنىشىدىن قۇتۇلۇش شۇنىڭدەك ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن چىقارغان «دۇنيا ئىنقىلابى» ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، لېكىن 1921-يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا بولشېۋىكلەر غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بەزى سىياسىيونلار سوۋېت رۇسىيەسىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇشىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ يولى دۇنيا ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرى چاقىرىقىدىن يېنىش ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى، ھەتتا خىتاي بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ قارىغان، ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئۆز ئاكتىپ رولىنى يوقاتقان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىنىپ قالغان بولۇپ، سوۋېت رەھبەرلىرى ئارىسىدا 1920-يىلىدىن كېيىن خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيەنىڭ سوۋېت رۇسىيەسىگە زەربە بېرىدىغان بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش پىكىرلىرى كۈچەيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتلاردا ئىچكى ئۇرۇشتا سوۋېتلەرنىڭ قىزىل ئارمىيىسىدىن مەغلۇپ بولغان ئاتامان دۇتوۋ، گېنېرال ئاننېنكوۋ ۋە باكىچ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى 40-50 مىڭ ئاق گۋاردىيەچى ئەسكەر، ئوفىتسېر ۋە مۇساپىرلار ئۇيغۇرلار دىيارىغا قېچىپ كېلىپ ئورۇنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيەدە سوۋېتلەرگە قارشى كۈچ تەشكىللەنگەن ئىدى.
سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلەر باشلىنىپ كەتكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياڭ زېڭشىنمۇ سوۋېتلەرنىڭ ئاچچىقىنى قوزغىماسلىق، سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە ئۆتۈش سىياسىتى قوللىنىپ، ئۆزى ئايرىم 1920-ۋە 1921-يىلى، سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. 1921-يىلى، 5-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ياڭ زېڭشىن بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، قىزىل ئارمىيىنى چۆچەك قاتارلىق جايلارغا كىرگۈزۈپ، بۇ رايونلارغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان گېنېرال ئالېكسېي دۇتوۋ، گېنېرال ئاندرېي باكىچ ۋە گېنېرال بورىس ئاننېنكوۋ قوماندانلىقىدىكى قاچاق ئاقلار ئارمىيەسىنى تارمار قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ياڭ زېڭشىن پۈتۈنلەي سوۋېتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭ رايىغا بويسۇنىدىغان سىياسىي تەدبىر قوللانغان.
لېكىن، ئاشكارىلانغان تارىخى ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا رۇسىيە كومپارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى يەنىلا 1923-يىلى، مەلۇم دەرىجىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەخپىي يەر ئاستى تەشكىلاتلارنى قۇرۇشى ۋە ئۇ جايدا تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان. ھەتتا ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ 1923-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىغا ئەۋەتكەن «ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خىزمەت» ناملىق دوكلاتىدا بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر رەھبىرىي تەشكىلاتىنى قۇرۇش، مەخسۇس يەر ئاستى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، بىرلىككە كەلگەن نىزامنامە تۈزۈش، گېزىتلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈش ۋە باشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە كومپارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى 1923-يىلى، سېنتەبىر ئايلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشنى قارار قىلىپ، مەبلەغ ئاجراتقان. شۇ يىلى، 8-ئايدا بولسا، مەزكۇر قۇرۇلتاينى ئېچىش تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس تەشكىلى ھەيئەت تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ قۇرۇلتاي چاقىرىلمىغان ۋە ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ تەشكىلى پائالىيەتلىرى چەكلەپ قويۇلغان.
تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دەل خىتاي بىلە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا سۆھبەت يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، سوۋېتلار بىر تەرەپتىن گۇاڭجۇدىكى سۇن جوڭشەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، 1924-يىلى، 5-ئايدا تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئېتىراپ قىلدى، سوۋېتلەرمۇ تاشقى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ۋە باشقا مەسىلىلەردە خىتايغا يول قويدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ياڭ زېڭشىن بىلەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ئارىسىدىمۇ «سودا كېلىشىمى» ئىمزالاندى. بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى ھۆكۈمەتلىرى موسكۋا بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىدە ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنى قوللىماسلىقى ھەققىدە پۈتۈشكەن ئىدى.
1924-يىلىدىكى كېلىشىمدىن كېيىن، ياڭ زېڭشىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بەش خىتاي كونسۇلخانىسى قۇرۇلدى ۋە سوۋېتلەرمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەش جايدا ئۆز كونسۇلخانىسىنى تەسىس قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. مانا شۇنداق ئەھۋالدا 1927-يىلى، 2-ئايدا رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋە قوراللىق ھەرىكەتلىرى، ئۆز ۋەتىنىگە كىرىپ مەخپىي ھەرىكەت قىلىشى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلىدى.