«ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى (2)


سوۋېت بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتى 1924 - يىلى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى بىر مەزگىل تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

ئەمما ئۇلار شۇ مەزگىللەردە مەيلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە بولسۇن ياكى قوشنا ئەللەردە بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان بىر كۈچنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالىقاچان بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىنىڭ سىرتمىقىغا ئىلىنىپ قالغان بۇ جەمئىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدىن خالىي ھالدا باشقىچە يول تۇتۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

1924 - يىلىغىغا بارغاندا ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بولغان چېگراسى رەسمىي ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەختىگە مىنىۋالغان فېۋدال مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى كونسۇلخانىلىرىنى قايتىدىن ئاچىدۇ. ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت، ئەنجان، ئالمۇتا، زەيسان قاتارلىق جايلىرىدا كونسۇلخانا تەسىس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇيغۇرىستان قۇرۇش پائالىيەتلىرى تەڭلا توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى سىياسىي تەشەببۇسلىرىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا چەكلىك دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ياڭ زېڭشىننىڭ قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن نورۇز ھاجى ئوغلى ئەلى ھاجى 1925 - يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا چېگرادىن قېچىپ ئۆتۈپ تاشكەنتگە يېتىپ بارىدۇ. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى تۇتۇپ قاماققا ئالىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئەلى ھاجى ئەنجاندىكى خىتاي كونسۇلىدا خىزمەتچى خادىم بولۇپ تۇرغان ئەيسا بەگنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بىلەن تۈرمىدىن بوشىتىلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى «تارانچىلار» بىلەن «قەشقەرلىقلەر» دىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئىلى - يەتتەسۇنى مەركەز قىلغان تارانچى ئۇيغۇرلىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئەتراپىغا، پەرغانە ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقا قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرى ھاشىم ھاجى ئوغلى قادىر ھاجىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولۇپ، ھەر ئىككى گۇرۇپپا ئۆزلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشتىكى يېتەكچى كۈچ بولۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. بولشېۋىكلار تۈرمىسىدىن بوشاپ چىققان ئەلى ھاجى تەبىئىي يوسۇندا قادىر ھاجى يېتەكچىلىكىدىكى «قەشقەرلىقلەر» گۇرۇپپىسىغا قوشۇلىدۇ ھەمدە غوللۇق ئەزالارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. 1925 - يىلىدىن 1927 - يىلىغىچە سوۋېت ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان قادىر ھاجى ئۆز ئەتراپىدىكى كۈچلەرنى توپلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. 1927 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيەسىنىڭ ئورتا ئاسىيا بيۇروسىغا تاپشۇرۇلغان مەزكۇر دوكلات دەل قادىر ھاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نورۇز ھاجى ئوغلى ئەلى ھاجىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرىنىشى، قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بىر قاتار تىرىشچانلىقلىرى ئەسلەپ ئۆتىلىدۇ. ئاخىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە «قەشقەرلىقلەر» گۇرۇپپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئىنقىلابىي بىرلەشمە فرونت قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دوكلاتتا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلىدۇ: «بىزنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىنقىلابى بۈتۈن دۇنيا ئىنقىلابىغا ماددىي - مەنىۋىي ياردەم بېرىشنى ئۆزىگە ۋەزىفە قىلىپ قويغان شۇرالار ھۆكۈمەتىدىن مەدەت ئالماي ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. خىتايدا كۈندىن - كۈڭە چوڭقۇرلاشماقتا بولغان ئىنقىلابى ھەرەكەت بىزنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىنقىلابىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان ۋاقىت كەلگىچە، شۇ جۈملىدىن شۇرالار ھۆكۈمەتىنىڭ شەرق ئازاتلىقى سىياسىتى بىزنىڭ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزغا يول قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا دەرۋەقە بىزلەرنىڭ ئىنتىزارلىق بىلەن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ»

مەزكۇر دوكلات ئۆز دەۋرىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلاشقان ھالدا ئىنتايىن زور سىياسىي ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېزىلغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىنقىلابىنى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا تارقىتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. تەتقىقاتچىلار مەزكۇر دوكلاتنىڭ سۆز - جۈملىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە كۆرە ئۇنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنىڭ قادىر ھاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رۇسچە يېزىلغانلىقىنى ئاندىن بىر نۇسخا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ئەلى ھاجىنىڭ ئىمزاسى بىلەن بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە سۇنۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ۋاھالەنكى، سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە سۇنۇلغان بۇ دوكلات ھېچقانچە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي ئىنقىلابىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئىچىدىن ھەل قىلىش قارارىنى ئالغان سوۋېت ھۆكۈمىتى 1927 - يىللارغا كەلگەندە قەشقەرىيە ئىشلەمچىلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي ئاكتىپلارغا بولغان كونتروللىقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىللاردا بېشكەك ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باسمىچىلار گۇرۇھى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىدە بولغانلىقى ھەققىدە بولشېۋىكلار پارتىيەسىنىڭ ئورتا ئاسىيا بيۇروسىغا سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارقىلىق ئەرز كېلىدۇ. بۇ ھال سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى قەشقەرىيە ئىشلەمچىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىدۇ. شۇ يىلى فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشىرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نورۇز ھاجى ئوغلى ئەلى ھاجى ۋەكىللىكىدىكى «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا سوتسىيالىستىك ئۇيغۇرىستان قۇرۇش چۈشىمۇ ئاخىرىقى ھېسابتا بەربات بولىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەلى ھاجى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاشكەنتتە ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ھەربىي سوتنىڭ قارارى بىلەن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. بۇ جەرياندىكى مۇرەككەپ ئەھۋاللار شۇنداقلا ئەلى ھاجىنىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇنىڭ دېلوسى تاكى ھازىرغىچە سىر پېتى قەپ قالىدۇ. ستالىن ۋە سوۋېتلەر ھۆكۈمىتىنىڭ 1930 - يىللاردا ئۇيغۇر كوممۇنىست كادىرلىرىنى قانداق قىلىپ قانلىق رەۋىشتە باستۇرغانلىقى ھەققىدە سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز قاراشلىرىنى ئوررۇرىغا قويدى.