ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا نەزەر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئىلمىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان تارىخ تەتقىقاتىنىڭ تارىخى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بەزى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خىتايدا 1930 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. 1950 - يىلىدىن كېيىن يېڭى بىر تارىخ تەتقىقاتى ئوتتۇرىغا چىققان.

1952 - يىلى گۇئو يىڭدې يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسەر، فېڭ جىياشېڭ يازغان «ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرىدىن قىسقىچە توپلام»، ليۇ جىشاۋنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق ئەسىرى، بىر گۇرۇپپا خىتاي تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 1986 - يىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي تارىخچىلىق ئېقىمىغا مەنسۇپتۇر. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر تارىخچىلاردىن تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» بىلەن مەمەتىمىن بۇغرا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسەرمۇ بار.

خىتاي تارىخچىلىرى يازغان بۇ ئەسەرلەر قاچان نېمە مەقسەت بىلەن يېزىلغان؟ بۇ تارىخ كىتابلارغا ئىجابىي جەھەتتىن قاراشقا بولامدۇ ياكى خىتاينىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخچى نۇرى تەكلىماكانى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.