خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تارىخشۇناسلىرى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقسىمى»، «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىنگەن»، «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ زېمىنى» دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي تارىخىي قاراشنى رەت قىلغان تارىخشۇناسلار قاتارىدا 50 يىلدىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى تارىخى، مەركىزىي ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تارىخشۇناس، پروفېسسور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىمى ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچىدۇر. مەخسۇس بۇ تېمىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدە پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىن تارتىپ ھېچقاچان خىتاينىڭ بىرقىسمى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف بۇ جاينىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى خىتاي مىللىتى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەسلى شەكىللىنىش تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، خىتاي مىللىتىنىڭ ئەسلى ماكانىنىڭ خۇاڭخې دەريا ۋادىلىرى ئىكەنلىكى ۋە شۇ جايلاردىن كېڭىيىپ راۋاجلانغانلىقىنى شەرھلىدى.
پروفېسسور خوجايېف خىتاي تارىخىي مەنبەلىرى بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كۆپ يىل ئىزدىنىپ مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ياركەند خانىدانلىقىنى يوقىتىپ، بۇ جاينى ئىشغال قىلغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا دۆلەت بولۇپ، بۇ جايدا ھېچقاچان خىتاي خانىدانلىقلىرى مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ 1979-يىلى موسكۋادىكى «شەرق ئەدەبىياتى نەشرىياتى» تەرىپىدىن «چىڭ ئىمپېرىيەسى، جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان»، 1991-يىلى تاشكەنتتىكى «پەن نەشرىياتى» تەرىپىدىن «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە» ناملىق ئىككى ئىلمىي تەتقىقات كىتابى رۇس تىلىدا يورۇققا چىققانىدى.
ئۇ، خىتاي تارىخشۇناسلىرى دەۋەتقان غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلاپلا «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش خەرىتىسىگە كىرگەن»، بۇ جايدا «دۇخۇفۇ» نامىدىكى باشقۇرۇش ئورگانلىرى قۇرۇلغان دېگەندەك قاراشلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ئېھتىياجدىن چىقىش قىلىنغانلىقىنى شەرھلىدى.
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ بېسىۋالغان دۆلەت مانجۇ ئىمپېرىيەسى بولۇپ، خىتايلار مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ مىراسخورى سۈپىتىدە ئۇ بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولغان.
ئابلەخەت خوجايېفنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 18-19-ئەسىردە مانجۇ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى، يەنى بۇ جاينىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنى شۇ چاغلاردىكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە باشقىلار بۇ جاينىڭ مۇنچىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم مەنبەلەردۇر.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنبەلىرى ئەنە شۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن زور ساندىكى قىممەتلىك قوليازما تارىخىي ئەسەرلەر 1950-يىللاردىن باشلاپلا يىغىۋېلىنىپ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا توپلىنىپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىلمىغان.