مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سوۋېت دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن سوۋېت ئالىملىرى قوشنا ئۇيغۇر دىيارى تارىخىغىمۇ مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. 1947-يىلى سوۋېت ۋە رۇس ئارخېئولوگى ئالېكساندىر بېرنشتام موسكۋادا چىقىدىغان «قەدىمىي تارىخ مەسىلىلىرى» ناملىق ژۇرنالدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ مەسىلىلىرى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىنىڭ قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ ئاساسىي باسقۇچلىرى كۆرسىتىلگەن. بېرنشتام مەزكۇر ئەمگىكىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي ۋە تولۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، قازاقلارنىڭ، قىرغىزلارنىڭ، ئۆزبېكلەرنىڭ تارىخىي تەقدىرلىرى بىلەن زىچ باغلانغان دېگەن نەتىجىگە كەلگەن. بۇ پىكىرلەر ئۇنىڭ 1951-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابىدا خېلى تولۇق ھالدا ئېچىپ بېرىلگەن ئىدى.
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخچى دوكتور زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىدىيىسى 1980-يىللىرى موسكۋادا نەشر قىلىنغان ئىككى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا ئاساس بولغان. 1984-يىلى مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمىي تارىخى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئاكادېمىك بورىس لىتۋىنسكىينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى. ز. كەرىموۋا مۇنداق دېدى: «لىتۋىنسكىينىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرى ‹قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا پەقەت ناھايىتى قويۇق تارىخىي، مەدەنىي ۋە ئېتنىكىلىق ئالاقىلەرلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئېتنو-مەدەنىي ۋە تارىخىي رايون مەۋجۇت بولغان› دېگەن خۇلاسىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ تەركىبىگە ھەر ئىككىسىنىڭ تېررىتورىيىلىرى كىرگەن. بۇ ئىككى تېررىتورىيەنىڭ قەدىمىي تارىخىي ئوخشاشلىقى ھەققىدە خۇلاسىلەرنى ئىلگىرى باشقىمۇ رۇس ئالىملىرى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، ئاكادېمىك ۋاسىلىي بارتولد ئۆز ۋاقتىدا ‹تۈركىستاننىڭ ھەر ئىككى قىسمىدا كېلىپ چىقىشى بىر خەلقلەر ياشىغان ھەم بىر مەدەنىي ئامىللار مەۋجۇت بولغان› دەپ يازغان ئىدى. 1980-يىللىرى رۇسىيەلىك ئالىملار تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا ئەنە شۇ ئومۇمىيلىقنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. 1986-يىلى يەنە بىر ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمىي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، بىناكارلىق ۋە ماددىي مەدەنىيىتى مەسىلىلىرى قارالدى.»
ز. كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئېتنو-مەدەنىي ئالاقىلىرى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى نەزىرىدىنمۇ چەتتە قالمىغان. شۇلارنىڭ بىرى ئۆزبېكىستانلىق تارىخچى مەخمۇت قۇتلۇقوفتۇر. 1979-يىلى ئالماتادا يورۇق كۆرگەن «سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا ئالىمنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 16-ئەسىر ۋە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى تارىخى بويىچە قوليازمىلار ۋە ھۆججەتلەر ھەم ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىلىرى» ناملىق ماقالىسى بېسىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن ياركەنت (سەئىدىيە) خانلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ 170 يىللىق تارىخىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىر پۈتۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېتنو-مەدەنىي ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئالىم بۇ ئىككى چوڭ تېررىتورىيە خەلقلىرىنىڭ 360 يىللىق تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن ماتېرىياللارنىڭ تېپىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي يۆنىلىشلەردە بۇ ماتېرىياللار ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان خەلقلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن ئەسىرلەر مابەينىدە بۇ خەلقلەر بىر-بىرى بىلەن دائىم ئارىلىشىپ تۇرغان، بىر نەچچە قېتىم بىرلەشكەن ھالدا چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا زەربە بېرىپ، سىياسىي مۇستەقىللىقىنى قوغداپ كەلگەن.»
ئەمدى رۇس ئالىمى ليۇدمىلا چۋىر «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە قوشنا خەلقلەر» ناملىق 1990-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولۇپ، بۇ زېمىننىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىن ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە كىرىپ، «شىنجاڭ» دەپ نام ئالغانلىقىنى، رۇس ۋە ياۋروپالىق ئالىملارنىڭ ئۇنى كىچىك بۇخارىيە، خىتاي تۈركىستانى ياكى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىغانلىقىنى، پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ تېررىتورىيەنىڭ رۇس ئىلىمىدا شەرقىي تۈركىستان دەپ تەستىقلانغانلىقىنى يازىدۇ. ئالىمە ئۆز ئەمگىكىدە ئونلىغان يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ئاز ۋە سۇس تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە چىقىۋاتقان ئەدەبىي-بەدىئىي، ئىجتىمائىي-سىياسىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادلىرى، سەنئىتى، ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى ھەققىدە پات-پات ماتېرىياللار بېسىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ كۆپىنچە ئاممىبابلىق-پۇبلىستىكىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىر پۈتۈن ۋە تەپسىلىي يېزىلغان ئەمگەكلەرنى تېپىشنىڭ قىيىنلىقىنى يازغان.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىدىيە بىرلىكىگە، بولۇپمۇ 20-ئەسىردە بۇ ئىككى چوڭ تېررىتورىيەدە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. خەلقئارا مەيدانغا سوۋېت كوممۇنىستىك مەملىكىتىنىڭ چىقىشى ھەم ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كېلەچەك تەقدىرىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەۋج ئالغان ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ غالىبىيىتى ئارقىسىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يوقىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىرلىشىش ئىدىيىسىدىن چۆچۈپ، دائىم ئۇلارنى بۆلۈۋېتىشكە تىرىشىپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە خىتاينىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيىتى، ئاندىن كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى بىلەن تىل بىرىكتۈردى. ق. غوجامبەردى 1949-يىلى خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭمۇ دەسلەپكى قەدەملىرىدىن باشلاپلا بىر پۈتۈن خىتاي دۆلىتى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدا قەدىمىدىن كېلىۋاتقان بارلىق ئالاقىلەرنى چەكلەپ، پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي رەھبەرلىرى ۋە كۆپلىگەن سىياسەتچىلىرى ‹ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىر قىلىدۇ، بۆلگۈنچىلىككە دەۋەت قىلىدۇ› دەپ قارايدۇ. 1996-يىلقى 007-ھۆججىتىدە بۇ مەسىلە ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ھازىر ھەممە ئالاقىلەر ئۈزۈلدى دېسەك بولىدۇ.»
ق. غوجامبەردى شۇنداقلا ئەمەلىيەتتە ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ۋە باشقىمۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي پەقەت كوممۇنىستىك ئىدىيەگە ماسلاشقان ئەسەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەم بۇ يەردىن شۇنداق بۆلگۈنچىلەرنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۇ ياققا ئېلىپ بارىدۇ، ئۆزلىرىنىڭكىگە كۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەرىكەت كېتىپ بارىدۇ. بۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بۆلۈشكە، ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇشقا قارىتىلغان سىياسەت. بۇ خىتاي سىياسەتچىلىرى ۋە بەزى ئەدىبلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدىيە، يەنى ئۇيغۇرلار قەدىمىدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە بولغان دېگەن يالغان ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەكسىچە، پۈتكۈل دۇنيا ئالىملىرى ‹ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر مەدەنىيەت، ئورتاق تارىخ، ئۆرپ-ئادەت، بىر تىل، بىر دىن، بىر يېزىقتا› دېگەن.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەتچىلىرى بىر نەچچە قېتىم قازاقىستانغا كېلىپ ئويۇن قويغان ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ماي ئېيىدا «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى» ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋە ئاستانا شەھەرلىرىدە «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» ناملىق سەنئەت پروگراممىسىنى كۆرسەتتى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان بۇ كونسېرتنى ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىدىن تاشقىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلار تاماشا قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00