ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت كۆپ ساندىكى كىتاب خەلقئارا تۈركولوگىيە مۇزېيىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركولوگىيىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت كۆپ ساندا كىتاب ۋە قول يازمىلار قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقئارا تۈركولوگىيە مۇزېيىغا قويۇلدى.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ دۆلەتلەر بىلەن شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مەقسەت بىلەن خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقات مەركەزلىرى ھەتتا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقلار ئورناتماقتا. بۇ دائىرىدە 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ نەخچىۋان شەھىرىدە چاقىرىلغان 9-نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي يىغىنىدا قازاقىستان دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بىر مەركەز قۇرۇش قارارى ماقۇللانغان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى نامى ئاستىدا بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. مەزكۇر مەركەزنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئورتاق قۇرغان بولۇپ، پائالىيەتلىرىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتتىن بىلىم ئادەملىرى ئىشتىراك قىلماقتا.

خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ تارمىقىدا بىر كۇتۇپخانا بىلەن تۈركولوگىيە مۇزېيى قۇرۇلغان. كۇتۇپخانىغا تونۇلغان تارىخچى زېكى ۋەلىدى تۇغان، 1944-1992-يىللىرىدا ياشىغان ۋېنگىرىيەلىك تونۇلغان تۈركولوگ ماندوكي كونگۇر، 1968-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان «رۇسچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نى تۈزگەن تاتار ئۇيغۇرشۇناس ئەمىر نەجىپ، تونۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايا قاتارلىق كىشىلەر كۆپ ساندا كىتاب ۋە قول يازمىلىرىنى كۇتۇپخانىغا بەرگەن. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو-ئاسىيا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى مەزكۇر كۇتۇپخانىدىكى كىتاب سانىنىڭ 60 مىڭغا يەتكەنلىكىنى كېلەچەكتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈركولوگىيە كۇتۇپخانىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 26-مايدا ئاستانادا چاقىرىلغان ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋە بۇ جەرياندا مۇزېي بىلەن كۇتۇپخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان تونۇلغان ئوبزورچى، تۈركىيە ئاخى-ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى تارمىقىدىكى كۇتۇپخانا ۋە تۈركولوگىيە مۇزېيى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى ئاستانا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر جايغا جايلاشقان. بۇ يەردە تۈركولوگىيە مۇزېيى بىلەن كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىشى بەكلا مۇھىم. كۇتۇپخانىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىتاب ۋە قول يازمىلار قويۇلغان. مەن بۇنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى يېقىندا موڭغۇلىيە دۆلىتى بىلەن بىر توختامنامە تۈزۈپتۇ. مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور دارخان قىدىرالىنىڭ ئېيتىشىچە موڭغۇلىيە دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت قول يازما ۋە كىتابلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. يەنە بەزى دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىل توختامنامىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق قەدىمكى قول يازمىلار بۇ مۇزېيىغا سېتىپ ئېلىپ كېلىنىدىكەن».

پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر قول يازمىلىرىنىڭ بېرلىن، پارىژ، لوندون، ئىستانبۇل، موسكۋا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاز ساندىمۇ بولسا ئاستانادىمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تېكىستلىرىنى ئامېرىكىلىق بىر تۈركولوگنىڭ يېقىندا بىر توم ھالدا نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاستانادا بۇنداق بىر مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئېچىلغان مۇزېي دۇنيادىكى تۇنجى تۈركولوگىيە مۇزېيى بولۇپ، مۇزېيغا نۇرغۇن تۈركولوگلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى، خەت-چەكلىرى ۋە بەزى مۇھىم ئەسەرلىرى قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتنى تۈزگەن پروفېسسور دوكتور ئەمىر نەجىبوۋىچ نەجىبنىڭ، تۈركىيەدە تونۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان تۈركولوگ، پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايانىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا يازغان مۇھىم ئەسەرلىرى ۋە شەخسىي بۇيۇملىرى قويۇلغان.

ئەمىر نەجىبنىڭ «ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغىتى» 1968-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان بولۇپ، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئىقلىل قۇربان تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، 2008-يىلى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئىككى يىل بۇرۇن 2-قېتىم نەشر قىلىنغان ئەسەر 33 مىڭ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىيەدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇرچە تۈركچە لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. مەرھۇم ئەمىر نەجىپ بۇ لۇغەتتىن باشقا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى كىتابى ۋە كۆپ ساندا ماقالە يازغان ئۇيغۇرشۇناس تاتار بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بىر مەزگىل ياشىغان.