تۈركىيەدە «ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى» ناملىق ئەسەر 5-قېتىم نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئوقۇتۇلۇۋاتقان كىتابلاردىن بىرى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى» ناملىق كىتاب ھېسابلىنىدۇ. 225 بەتتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر ئەسەر يېقىندا 5-قېتىم نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ئەسەر كىرىش سۆزدىن سىرت 2 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1-قىسىم، ئۇيغۇرلار ناملىق چوڭ ماۋزۇنىڭ ئاستىدا، ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى جەريانى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يۈكسىلىشى، بۆگۈ خاقان مەزگىلى، ئۇيغۇر خانىدانلىقىنىڭ يىقىلىشى، ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى، ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى، كەڭسۇ ۋە تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىككىنچى قىسىم بولسا، «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى» ماۋزۇسى ئاستىدا بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر قىسىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى، شەرقىي تۈركىستاننى قالمۇق ۋە خىتاينىڭ بېسىۋېلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ياقۇپخان ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۈلتۈرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كىتابنى يازغان پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى كىتابنىڭ ئاخىرىغا كىتابنى يازغاندا پايدىلانغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى كىرگۈزگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى بۇ كىتابنى يازغاندىن سىرت، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس «ئۇيغۇر تارىخى» نامىدا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا مەن بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى» نامىدا مەخسۇس دەرس بار. بۇ كەسپىي دەرس بولۇپ بىر مەۋسۇم ئۆتىمىز. ئۇيغۇرلارنى بىر ئىككى سائەتلىك دەرس بىلەن ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. بىز ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تارىخىنى مەخسۇس دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتىمىز. تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تارىخى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئىچىدە ئاڭلىتىلىدۇ، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىزگە ئوخشاش مەخسۇس دەرس قىلىپ ئۆتىدۇ.»

پروفېسسور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر كىتاب، 20 ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولى ناھايىتى زور. شۇڭا مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنى تۈركلەرنىڭ شەھەرلىشىشىدە، مەدەنىي بولۇشىدا، يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئىلىم-پەن جەھەتتىن قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان ۋە كەڭسۇ رايونلىرىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە ياراتقان مەدەنىيەتلەر بۈگۈنكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.»

پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ خىتاي تارىخچىلاردىن ليۇ جىشياۋ، لىن گەن ۋە ھۆكۈمەت يازدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلاردىن پەرقى نېمە؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئەپەندى، بۇلارنىڭ پەرقىنىڭ، مەيلى مەزمۇن، مەيلى مېتود جەھەتتىن بولسۇن زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ 1970-يىللاردىن كېيىن كۈچەيگەنلىكىنى، تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئومۇمىي تۈرك تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىقنى ئوقۇغان. 1992-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندىنىڭ بۈگۈنگىچە 10 كىتابى، 100 پارچىغا يېقىن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇھىملىرى كۆكتۈرك تارىخى، ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى، قىرغىز تۈركلىرى تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر تارىخى، تۈرك-ھۇن تارىخى، تۈرك تارىخىدا چىڭگىزخان» قاتارلىق كىتابلاردىن ئىبارەت. بۇ كىتابلاردىن سىرت، «مەسئۇت سابىرى بايقوزى ۋە تۈرك مىللەتچىلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسى، تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەردىكى يەر ئاتلىرى» ناملىق ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان.