ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (8)

0:00 / 0:00

ئامېرىكالىق مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە نېمىلەرنى كۆردى؟

1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلى ئىنقىلابىڭ غەلىبىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، تاكى 1945-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى شۇنىڭدەك جەنۇبتىكى قەشقەر، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بىرقانچە ناھىيەلەرنىڭمۇ ئازاد قىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا يوقىتىلىش ئالدىدا تۇرغاندا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئىبارەت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختاتقانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىشى ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان تەرەپ بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 8 ئايلىق سۆھبەت ئارقىلىق بىتىم ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، ئەمما 1946-يىلى كۈز ئايلىرىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە، يەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى باشلىنىش باسقۇچىغا كىردى. 1947-يىلى 3-ئايلاردىن باشلاپ، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشمۇ بارغانسېرى ئەۋجى ئېلىشقا باشلىدى.

1947-يىلى 6-ئايدا بولسا مەشھۇر بەيتىك ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتايلار بۇ ۋەقەنى خەلقئاراغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ خىتاينىڭ بەيتىك تېغىنى، يەنى خىتاي زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى، نەتىجىدە بۇ جاينى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىشتى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتمۇ ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشكەنىدى.

مانا شۇ 1946-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى ۋالتېر گراخام شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى غۇلجىنى زىيارەت قىلدى. ئارقىدىن 1947-يىلىنىڭ 1-ئېيى ئەتراپىدا ئامېرىكانىڭ «دەۋر» ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا مۇخبىر بولغان بارا-بارا ستېپېنى غۇلجىنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن غېنى باتۇر ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىدى. بۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئامېرىكالىق مۇخبىرلاردىن، ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرى روبېرتسون، بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرى ماستېرسون، ئارقىدىن 1947-يىلى 7-ئايدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى پېگگي پاركېر قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ زىيارەت خەۋەرلىرىنى يازدى. روبېرستون بولسا ھەتتا بەيتىك تېغىغا بېرىپ، بەيتىك ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلات ئېلان قىلدى. ئارقىدىن 1948-يىلى 9-ئايلاردا دوك بارنېت ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىغۋاسى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئىلى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنى رۇسلارنىڭ كونترول قىلىۋالغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ۋە ئەيىبلەشلىرى، يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنى رۇسلارنىڭ قول چومىقى، ياكى باندىتلار دەپ ئەيىبلەشلىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ، بۇ ئۆلكىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ھەم دۇنياغا ئاشكارىلاش ئىدى.

مەزكۇر ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىلىنى زىيارەت قىلالىدى. لېكىن كۆپىنچىسى ئۇ جايلارغا بارالمىسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئامېرىكالىق بۇ مۇخبىرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، خىتاينىڭ بۇ جايدىكى مىللىي كەمسىتىش ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئەھۋاللارنى چۈشەندى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «دەۋر» ژۇرنىلى ۋە باشقا مۇھىم مەتبۇئاتلىرىدا ھەم يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى

بۇ مۇخبىرلار ئىچىدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى، ئامېرىكەنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى دوگلاس ماكېرناننىڭ ئايالى پېگگي پاركېر ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ، 1947-يىلى 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى غۇلجىنى زىيارەت قىلىپ، غۇلجىدا 1 ھەپتە تۇرغان، ئۇنىڭ يازغان غۇلجا ھەققىدىكى تەپسىلاتلىرى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى خاتىرىلىرى ئۆزگىچىدۇر. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلار بىلەن سېلىشتۇرمىسى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى، خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئەڭ كۆپ خەۋەر بەرگەن مۇخبىردۇر.

پېگگي پاكېر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەنمۇ ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خەلق رەھبىرىگە خاس ئوبرازىنى، بىلىم قابىلىيىتىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالايدۇ. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسى چاقىرغان ئامېرىكانىڭ 4-ئىيۇل دۆلەت بايرىمى پائالىيىتىگە قاتنىشىشى، ئۇنىڭ مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە بۇ جايدىكى بارلىق خىتاي ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ بىردىنلا تەۋرىنىپ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان.

پېگگي پاركېر، 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە غۇلجىدا تۇرۇپ، ھاكىمبەگ غوجا ۋە باشقا ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەم غۇلجىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەن.

ئامېرىكا مۇخبىرلىرى خىتايلارنىڭ پۈتۈن ئىنقىلابنى قارىلاش پوزىتسىيەسىگە قارشى ھالدا رايوندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىتەرەپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئۆزىنىڭ چىنلىقى بىلەن كىشىلەرنى، بولۇپمۇ غەربلىكلەرنى قايىل قىلىشى كۈچلۈك بولدى.

گەرچە، ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ خەۋەرلىرى، تەپسىلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بۇ جايدىكى ۋەزىيەتنى توغرا بىلىشىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ دۇنياغا توغرا بىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بىر مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، مەۋجۇت بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشى قاتارلىقلارنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا بىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.