ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (11)

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چېكىنىشى

1949-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش پۈتۈنلەي كوممۇنىستلارنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى غەربىي جەنۇبىي خىتاي ۋە غەربىي شىمالى رايونلاردىلا ئېشىپ قالغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا غەربىي شىمالىي رايونلاردىكى جەڭلەردە كومپارتىيە قوشۇنلىرى شەنشى، نىڭشيا، گەنسۇ رايونلىرىنى ئىگىلەپ، لەنجۇغا قىستاپ كەلدى. ئۇنىڭ مەقسىتى لەنجۇنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا يۈرۈش قىلىپ بۇ جاينى ئىشغال قىلىش ئىدى. سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدىكى كومپارتىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ غەلىبىلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئاخىرىدا جاڭ كەيشىنىڭ تەيۋەنگە كېتىپ مۇداپىئەلىنىشىگە تەييارلىق قىلىشىغا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ بۇ ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە، جۈملىدىن خىتاي ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىگە كۈچلۈك تەھدىت پەيدا قىلغانىدى.

1949-يىلى 7-ئايدا خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋەكىلى ليۇ شاۋچى موسكۋانى مەخپىي زىيارەت قىلغاندا ستالىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ «شىنجاڭنى تېز ئىشغال قىلىشىنى» ۋە بۇنىڭغا ھەتتا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز تەسىرىنى تىكلىشىگە باشتىن ئاخىرى نارازى بولغان. ستالىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ جايدىكى مەسئۇد ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندى، ئوسمان ئىسلام قاتارلىق قازاقلارغا ياردەم كۆرسىتىپ، بۇ جايدا مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلىنىشىنى قوللىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىشى ۋە بۇ جايدىن چېكىنىپ چىقىشى ئەنە شۇ سوۋېت-ئامېرىكا، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە باغلىنىشلىق ئىدى.

دېمەك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى ئەنە شۇ ۋەزىيەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولۇۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەھۋالىغا ئاساسەن1949-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى شۇنىڭدەك شەرقىي خىتايدىكى يەنە باشقا كونسۇلخانىلارنى تاقاشنى قارار قىلدى. دېمەك، 1943-يىلى 4-ئايدىن ئېتىبارەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بارغانسېرى ئۆز تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئاخىرى تاقىلىش، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تىكلىگەن ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مەلۇم دەرىجىدىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، بۇ رايوندىن، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىردىنبىر ئامېرىكا تەسىرى بار رايوندىن چېكىنىپ چىقىشقا توغرا كەلدى.

ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى جون خول پاكىستون 1949-يىلى 2-ئايدىن ئېتىبارەن رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توختىماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللاپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى دوكلاتلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللىۋېتىپ، كونسۇلخانىنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى ۋە ئاخىرقى بىرتەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىن كونسۇل دوگلاس ماكېرنانغا تاپشۇرۇپ بولۇپ، 20-ئاۋغۇست كۈنى كونسۇلخانىنىڭ باشقا خادىملىرى ۋە بىرقىسىم كىشىلەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات قىلغان تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، جون خول پاكىستون باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا پەقەت قەشقەر ئارقىلىق كەشمىر-ھىندىستان يولىلا قالغانىدى.

جون خول پاكىستون ئۆزىنىڭ شۇ سەپىرىدە پەقەت ئايالى ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىلا ئەمەس، بەلكى مەسئۇد سەبىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم داۋۇت ئوسمان ئىسىملىك مەسئۇد سەبىرىنىڭ ئاديوتانتى قاتارلىق بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇرنىمۇ بىرگە ئېلىپ 71 كۈنلۈك مۇشەققەتلىك ۋە توسالغۇلۇق سەپەرنى ئاخىرلاشتۇر ساق-سالامەت چېگرادىن چىقىپ كەتكەنىدى.

كونسۇلخانىنىڭ قالدۇق ئىشلىرىنى مۇئاۋىن كونسۇل دوگلاس ماكېرنان بېجىرىپ ئۇمۇ 28-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ پائالىيىتى ئاخىرلاشقان.

تەپسلاتنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.