تارىخىي شاھىت: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.08.23
uyghur-tibabet-yaponiye.JPG ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
RFA/Qutluq

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىختىكى سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلاپ راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى مۇھىم رول ئوينىغان. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۆزىنىڭ 9 ماددىلىق خىتابنامىسىنىڭ بەشىنچى ماددىسىدا «ساقلىقنى ساقلاش ۋە سەھىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇردى» غانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەنە شۇ پرىنسىپ بويىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 1-ئايدا سەھىيە نازارىتىنى قۇرۇپ، قاسىمجان قەمبىرىنى مەزكۇر نازارەتنىڭ نازىرى قىلىپ بېكىتتى، 1945-يىلى، 3-ئايدا ھەر قايسى نازارەت رەھبەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشەش ئېلىپ بارغاندا، 20-مارت كۈنى ھۆكۈمەت ھەيئىتى 37-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، قاسىمجان قەمبىرىنى سەھىيە نازىرلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھىددىن ئەخمەتنى سەھىيە نازىرى قىلىپ بەلگىلىدى. قاسىمجان قەمبىرى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلار بۆلۈمىنى باشقۇردى.

سەھىيە نازارىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قاتار خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىمكانىيەتلىرىنى ئاشۇرۇش بولدى ۋە بۇ مەقسەتتە غۇلجا شەھىرىدە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانا قۇرۇش، ناھىيەلەردىمۇ دوختۇرخانىلارنى ياكى داۋالاش پونكىتلىرىنى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشىلدى. ھۆكۈمەت غۇلجا شەھىرىدە دورا دۇكانلىرىنى ئېچىپ، خەلقنىڭ دورا بىلەن تەمىنلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. تېببىي كۇرس ۋە تېببىي مەكتەپلەرنى ئېچىش ئارقىلىق تېببىي خادىملارنى تەربىيەلىدى. ئەلۋەتتە، ئۇرۇش ۋاقتىدا تېببىي خادىملار ئاساسەن ھەربىي قىسىملار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئاممىۋى تېببىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش پەيدىن- پەي ياخشىلاندى.

1945-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى، غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا تېببىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن، 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ تاشكەنت شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان دوختۇر شامىل ئالماسبېكوف ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىش ۋە ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. كېسەللەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشمۇ ھەقسىز بولغان. بىمارلار پەقەت دورىلارنى ئاپتېكىلاردىن سېتىۋالاتتى. ئەمما ئىقتىسادىي قىيىن كىشىلەرنىڭ دورىلىرىمۇ ھەقسىز تەمىنلىنەتتى. دوختۇرغا بارغان بىمار قانداق مىللەتتىن ۋە باي-كەمبەغەل بولۇشتىن قەتئىينەزەر كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولالايتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پۇقرالارنىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىدىن باشقا يەنە غۇلجا شەھىرىدىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەربىي گوسپىتالدىمۇ داۋالىنىشقا بولاتتى. پۇقرالارنىڭ ھەربىي ئورۇنلارنىڭ دوختۇرلىرى تەرىپىدىنمۇ ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشىش پۇرسىتى ھەر قايسى پولكلار جايلاشقان جايلارغا قارىتىلغان ئىدى. چۈنكى مىللىي ئارمىيەنىڭ باش دوختۇرخانىسىدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسىملىرىنىڭ ھەربىي دوختۇرخانىسى، شىمالىي يۆنىلىش قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىسى ۋە پولكلاردا كىچىك كۆلەمدىكى دوختۇرلۇق پونكىتى، باتاليوندا دوختۇر ۋە تېببىي خادىملىرى بار ئىدى. مىللىي ئارمىيە دوختۇر ۋە تېببىي خادىملىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ھېچقاچان باش تارتمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئۈچ ۋىلايەتنىڭ تېببىي خىزمەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، پۈتۈن دورىلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلەتتى. دورىلارنىڭ بەزىلىرى سېتىۋېلىنسا، بەزىلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى شەكلىدە بېرىلگەن ئىدى. غۇلجا شەھىرىدە بىر قانچە جايدا ئاپتېكىلار ئېچىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ياردەمگە ئەۋەتكەن سوۋېت ئۇيغۇرلىرىدىن موسكۋادىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھەربىي دوختۇر سۈپىتىدە مىللىي ئارمىيە ھەربىي دوختۇرخانىسىدا يېتەكچى دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان سوۋېت ئۇيغۇرلىرىدىن ماخمۇت روزىباقىيېف، شامىل قاتارلىق دوختۇرلارنىڭ رولى چوڭ بولغان ئىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا دەرس بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كېسەللەرنى داۋالايتتى.

ھۆكۈمەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

1945-يىلى، 12-ئايدا تېكەس، موڭغۇلكۈرە ۋە باشقا بىر قىسىم جايلاردا يۇقۇملۇق كېزىك كېسىلى تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك ئاساسلىق چارۋىچى ۋە بىر قىسىم دېھقانلار ئارىسىدا تارقالغان ئىدى.

ھۆكۈمەت ھەيئىتى 1946-يىلى، 8-يانۋار كۈنى مەخسۇس 191-نومۇرلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە داۋالاشقا ئائىت قارار قوبۇل قىلىپ، جىددىي خىزمەت ئېلىپ بارغان.
شامىل ئالماسبېكوفنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، 1948-يىلى ئىلىدا ياۋا چېچەك كېسىلى تارقىلىپ، ھۆكۈمەت يەنە پۈتۈن دوختۇر، تېببىي خادىملار ۋە ھەربىي تېببىي خادىملار ھەم تېببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىلى ۋىلايىتىدە ئالدى بىلەن 160 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە، ھەقسىز چېچەك ۋاكسىنىسى ئۇرغان، ئارقىدىن داۋاملىق ۋاكسىنا ئەملەش ئېلىپ بارغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىزمەتلەر ئورۇندىلىپ بولۇنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «پۈتۈن ۋاكسىنا ئۇرۇش، دېزىنفېكسىيە ۋە باشقا داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مانا بۇ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاراۋانلىق ۋە خەلقپەرۋەر سىياسىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى، ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئانچە بەك ياخشى ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ئىشلارغا زور مەبلەغ ئاجراتتى، خەلق بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدى».

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سەھىيە نازارىتىمۇ 1946-يىلى بىتىمغىچە بولغان ئارىلىقتا«ھېپزى شېئەت» (سالامەتلىكنى ساقلاش) دەپ ئاتالغان ئاممىۋى تەن-ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە بىلىملىرى بېرىدىغان قوش ئايلىق ژۇرنال چىقىرىپ تارقاتقان. بۇ ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان مەخسۇس ساقلىقنى ساقلاش بويىچە قوش ئايلىق تېببىي ئىلىم ژۇرنىلى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.