1943-يىلى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئالاقە قىلىشى ۋە بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئورنىتىش بىلەن بىرگە رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، بۇ رايوننىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە مەلۇم پوزىتسىيەدە بولۇشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈچىيىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندا ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ۋە بىر سىياسىي پوزىتسىيەسى بولمىغانىدى.

1930-يىللاردا فاشىزم ئىدېئولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، دۇنيانى بۆلۈۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى، 1941-يىلى 6-ئايدا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى، ئارقىدىن شۇ يىلى 12-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ پرېل خاربور بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشى پارتلىشى نەتىجىسىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىشى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە خىتاينىڭ فاشىزمغا قارشى بىرلىكسېپى ۋە ئىتتىپاقداشلىقىنى شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاسىيا رايونىدا ياپونىيە مىلىتارىزمىنى، ياۋروپادا ناتسىستلارنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشنى باش مۇددىئا قىلغان فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك رەقىبى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش پىرىنسىپى قوللانغانىدى. دېمەك، دۇنيا فاشىزمغا قارشى كۈچلەر بىلەن فاشىستلار كۈچلەر ئارىسىدا رەسمىي ئۇرۇش پارتلىغانىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارى ئۆزىنىڭ ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەركىزىگە، يەنى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغان ئۆتۈشمە يولىغا جايلىشىشتەك ئالاھىدە جۇغراپىيەۋى سىياسىي ئورنى بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ جايغا كىرىشى، يەنى بۇ جايدا ئۆز پائالىيىتىنى بىۋاسىتە باشلىنىشىغا ئاساس بولدى.

ياپونىيە 1942-يىلىغا كەلگەندە خىتاينى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېسىۋالغان بولۇپ، 1942-يىلى 5-ئايدا ياپون ئارمىيەسىنى سىنگاپور، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېغىر زىيان سالدى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. مانا شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان، قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە باشقا خام ئەشيالارنى توشۇيدىغان يېڭى بىر «خەلقئارالىق يول» غا مۇھتاجلىقى پەيدا بولدى. مانا بۇ ئېھتىياجلىق يول-ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەركىزى ئۇيغۇر دىيارى ئىدى. بۇ، يەنى ھىندىستان ياكى ئىران ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ھەربىي ئەشيالارنى خىتايغا يەتكۈزۈش يولى ئىدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، دېمەك، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشى ۋە بۇ جايدا كونسۇلخانا قۇرۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىشى ئەنە شۇ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1942-يىلى، 6-ئايدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا «تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېلىشىمى» نامىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق خىتاينىڭ مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن ئەسكىرىي، ئەشيا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ياردەملەرنى كۆرسىتىدىغان بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئۆتۈپ، ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم ھەربىي قورال-ياراق، ئوق-دورىلىرى تېھران ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە ئارقىدىن ئىچكىرى خىتايغا يەتكۈزۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كونسۇلخانا قۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكاغا تايىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، بۇ جاينى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغانىدى. خىتاي ئەنە شۇ نۇقتىدىن ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ستالىندىن يۈز ئۆرىگەن شېڭ شىسەي 1942-يىلى كۈزدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشكە كىرىشكەن ۋە جۇ شاۋلياڭ بىلەن بىرلىكتە جاڭ كەيشىدىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كىرىشنى، يەنى كونسۇلخانا قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

جاڭ كەيشى بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ كونسۇلخانىسى ئېچىش بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان بۇ رايوندا پەيدا بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىر كۈچىنى چەكلىمەكچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ئىمتىيازىنى قوغدىماقچى بولدى.

1942-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي يوسۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىش تەكلىپنى بەردى ۋە «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ۋاقتى ئۈچۈن شىنجاڭدا كونسۇلخانا قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويسا خىتاي ھۆكۈمىتى قارشى ئالىدۇ» دەپ بىلدۈردى 1942-يىلى 12-ئايدا خىتاي ئامېرىكانىڭ كونسۇلخانا ئېچىشىنى تەستىقلىدى ۋە 1943-يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇلۇپ، 19-ئاپرېل كۈنى بىرىنچى كونسۇل سۈپىتىدە ئېدموند كلاب ئۆز خىزمىتىنى باشلىدى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات قىلغان دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، لېكىن ئامېرىكانىڭ تۈپ مەقسىتى خىتايلار كۈتكەندەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلىشىش ئەمەس، بەلكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش بولغاچقا بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىشتىن ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ زىددىيەتكە كىرىشىتىن ساقلانغان. تۇنجى كونسۇل ئېدمون كلۇب ۋە ئامېرىكانىڭ چوڭچىڭدىكى ئەلچىلىرى گائۇس قاتارلىقلار ئەنە شۇ نۇقتىدىن ۋاشىنگتوننى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغانىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مەقسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى نازارەت قىلىش دەپ قارىغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا موسكۋادىمۇ شۇنداق خاھىش بولۇپ ئەندىشە قىلغان. لېكىن ئامېرىكانىڭ تۈپ مەقسىتى ئاسىيادا ياپون فاشىزمىنى يوقىتىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئەكىرىش، ياۋروپادا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنى يوقىتىپ، ناتسىستلار بېسىۋالغان خەلقلەرنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. قىسقىسى، دۇنيادا فاشىزم ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە ئامېرىكانىڭ پائالىيىتى ئەنە شۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاندىن ھەرىكەت قىلغانىدى.
(داۋامى بار)