1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نېمىشقا «ئۇيغۇرىستان» ئەمەس «شەرقىي تۈركىستان »دەپ ئاتالدى؟

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.08.11
1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نېمىشقا  «ئۇيغۇرىستان» ئەمەس «شەرقىي تۈركىستان »دەپ ئاتالدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى. (1914-2005)
RFA

ئۇيغۇرلار  19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن تارتىپ باشقا  مۇسۇلمان خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە   مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە، 1930- ۋە 1940-يىللاردا  خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلىپ، ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق  بولۇپ، ئۆزلىرى قۇرغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىدى. بولۇپمۇ 1930-1940-يىللاردا ئىككى قېتىم قۇرغان جۇمھۇرىيىتىنى « شەرقىي تۈركىستان» نامى بىلەن ئاتىدى. گەرچە، ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاساسىي خەلق شۇنىڭدەك  مەزكۇر ئىشغالىيەتكە قارشى مۇستەقىللىق، ئازادلىق كۈرەشلىرىدىكى ئاساسىي كۈچ بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلىرىگە نام بەرگەندە «ئۇيغۇرىستان» نامىنى قوللانمىدى.  ئۇيغۇرىستان نامى 1920-1930-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ھەتتا تارىختا  ئۇيغۇر ئېلى، ئۇيغۇرىستان دېگەندەك ناملار  كۆپ ئەسىرلەر ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتكە  بىردەك ھالدا «شەرقىي تۈركىستان» نامى قوللىنىلدى.

ئۇنداقتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قانداق نام بېرىش، ئۆز ۋەتىنىنى قانداق ئاتاش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر بولمىغانمۇ؟ 1944-1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان ئاشۇ 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنىدە  « ئازادلىق تەشكىلاتى» ئەزالىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ دۆلەتنى نېمە دەپ ئاتاش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلمايلا « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىغانمۇ؟    1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان چاغدىكى 16 نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۇمىتى  باش كاتىپى بولغان  مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 2004-يىلى ھايات ۋاقتىدا 12-نويابىر كۈنى جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ  قۇرىدىغان دۆلەت نامى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقى، بەزىلەر « ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتاشنى ئېيتقانلىقى، كۆپ مۇزاكىرىلەر ۋە پىكىرلەر ئارقىلىق « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىنى بېكىتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرىستان  دەپ ئاتاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇۋاپىق بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېيىلگەندە بارلىق ھەر مىللەت خەلقىنى  بىرلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارالغان.

 ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى  شۇ قېتىم  ئۆزلىرى ئېلان قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتنى شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن ئاتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپنىڭ  1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە سابىت داموللام قاتارلىقلار باشچىلىقىدا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان نامىنى قوللانغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ جۇمھۇرىيەتنى قايتا قۇرۇشنى  كۆزدە تۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لېكىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ  تەكىتلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان دېيىش  پانتۈركىزم بىلەن ئالاقىسىز بولۇپ، خىتاي ئۆزلىرىنى ئەيىبلىگەندەك ئۇلار ھېچقاچان پانتۈركىزم ياكى پانئىسلامىزمنى تەشۋىق قىلمىغان. پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم قالپىقى خىتاي ۋە سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قىلغان بىر تۆھمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە  ئامېرىكادىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇر ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىشىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ پروگراممىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى يۇقۇرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.