قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ كېلەچىكى كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.01.03
Uyghurshunasliq-ilmiy-muhakime-yighini.jpg ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2005-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ئىدى. مەزكۇر تەتقىقاتلار دەسلەپتە 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە تەشكىللەنگەن «شەرقشۇناسلىق مەركىزى» ئاساسىدا يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ بېشىدا ئاكادېمىك رامازان سۇلايمانوف بولغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ھازىر ئاساسەن ئەنە شۇ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدىكى خادىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. مەزكۇر مەركەزنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ھەر خىل توپلاملاردا، مونوگرافىيەلەردە ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئارىس» نەشرىياتىدىن «قازاقىستاندىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى: ئۇتۇقلىرى ۋە كېلەچىكى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى. 456 بەتتىن تۈزۈلگەن مەزكۇر كىتاب ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى يېنىدىكى ئىسلام تارىخى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ھەمدە قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

كىتاب قازاقىستان شەرقشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشلىرى ۋە شەكىللىرى، مەنبەشۇناسلىق، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئەدەبىيات، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە قىسىمدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا قازاقىستان، تۈركىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. مەسىلەن، رىسالەت كەرىموۋانىڭ «قازاقىستاندىكى زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىق: تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرى»، ئابلەت كامالوفنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ناخشا-قوشاقلىرى: يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1916-يىلىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشى ھەققىدە»، ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ «خىتايدىكى زامانىۋى ئۇيغۇر بەدىئىي ئاندېرگرائۇندىنىڭ (ھۆكۈمەت ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى يوشۇرۇن تەسۋىرلەشنىڭ) مەنبەلىرى» ناملىق ئەمگەكلەر شۇلار جۈملىسىدىندۇر. مەزكۇر ئەمگەكلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر يورۇتۇلغان.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ مەسىلىلىرى قايسى يۆنىلىشلەردە ئېلىپ بېرىلغان؟ ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئەنە شۇ سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە قارىلىدىكەن.

رىسالەت كەرىموۋا مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگانلىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. 1963-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى 1986-يىلغىچە، يەنى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولغان ئىدى. بۇ بۆلۈم 30 دىن ئوشۇق خادىمغا، ئۆز رەھبىرىگە، ئىلمىي كاتىپىغا، شۇنداقلا ئىلمىي كېڭەش ۋە ياش مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرىدىغان بۆلۈمىگە ئىگە بولغان ئىدى. دېمەك، بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر پۈتۈن ئىلمىي مەركەز ئىدى. بۇ بۆلۈم ئاساسەن سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ يۆنىلىشتە ئىلمىي لايىھەلەر ئىشلەنگەن، ئىلمىي ئەمگەكلەر يورۇقلۇققا چىققان، مونوگرافىيەلەر نەشر قىلىنغان ئىدى.»

رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر بۆلۈمدە غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، مالىك كەبىروف، مۇنىر ئېرزىن، ئابدۇۋەلى قايداروف قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەمگەكلىرى يورۇق كۆرگەن ئىكەن.

رىسالەت كەرىموۋا سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا سەككىز بۆلۈم ئىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئىلگىرى مەۋژۇت بولغان تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە بۆلۈملىرىگە قوشۇمچە يەنە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، سىياسىي، دېموگرافىيەلىك، مەنىۋى جەريانلارنى تەتقىق قىلىدىغان بۆلۈملەرمۇ پەيدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئىنستىتۇت قانۇنىي رەۋىشتە ئىلمىي-تەتقىقات مەركىزى دەرىجىسىگە يېتىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە كادىرلارنى تەييارلاش مەسىلىسىگىمۇ چوڭ ئېتىبار بېرىلەتتى. ئىنستىتۇت مەۋجۇت بولغان ۋاقىت ئىچىدە ھەر ساھەلەر بويىچە 15 كە يېقىن پەن نامزاتلىرى تەييارلاندى. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بارلىقى دېگۈدەك بىۋاسىتە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە ئائىت ئىدى. شۇنداقلا باشقىمۇ ساھەلەر بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش باشلانغان ئىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىنىڭ ئىلمىي-تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ئورناتقان ئالاقىلىرى بولدى.»

رىسالەت كەرىموۋانىڭ دېيىشىچە، بولۇپمۇ ياشلارنى موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت شەھەرلىرىگە ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سەپىرىگە ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكلىرىمۇ پەيدا بولۇپ، بۇنىڭ بارلىقىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلەش قاراشتۇرۇلغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا تەييارلانغان كادىرلارنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ كۈنگىچە قازاقىستاندىن تاشقىرى يەنە چەت ئەللەردىمۇ خىزمەت قىلماقتىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ سابىق خادىمى، ھازىر ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناس خالمىنەم مەسىموۋا مۇنداق دېدى: «2000-يىللاردىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ساھەسى ھېسابلىنىپ كەلگەن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ ئورنىنى تارىخ تەتقىقاتلىرى ئىگىلىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ كوللېكتىپى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ قەدىمىي دەۋرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە مۇرەككەپ ئىلمىي لايىھەلەر ئۈستىدە ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار تەرىپىدىن تەييارلانغان بارلىق لايىھەلەر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي پروگراممىلىرى ۋە قازاقىستان ئىلىم-پەنى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.»

خالمىنەم مەسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ئاساسەن ھۆكۈمەت خىراجىتى ھېسابىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى يەنە پىلاندىن سىرت ئىلمىي پروگراممىلار ۋە خەلقئارا ئىلمىي لايىھىلىرىنى تەييارلاشتىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بولسا، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى ئىلمىي لايىھەلەرگە قاتناشماقتا. بۇ ئاتالغان ئىلمىي لايىھەلەرنىڭ نەتىجىلىرى كۆپلىگەن مونوگرافىيالەردە، ماقالىلەر توپلاملىرىدا، ئىلمىي توپلاملاردا، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپتى. مەركەز ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئامېرىكىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ياپونىيەدە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا 80 دىن ئوشۇق ئادەم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئەڭ تەرەققىي ئەتكەن ۋاقتى ھېسابلانغان ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ كۈچىيىشى ۋە كېيىنرەك، يەنى 1996-يىلى ئاكادېمىك غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىشى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشلىرىمۇ قىسقىرىپ، خادىملارنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرىنىڭ سانى 10 دىن ئاز بولۇپ، بۇ كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سېلىۋاتماقتا. بۇ ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، كېلەچەكتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قېلىش خەۋپى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.