«شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ» ئۇيغۇرلار خۇشاللىق بىلەن خىتاي كومپارتىيە قوشۇنىنى قارشى ئالغانمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.09.30
«شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ» ئۇيغۇرلار خۇشاللىق بىلەن خىتاي كومپارتىيە قوشۇنىنى قارشى ئالغانمۇ؟ خىتاي كومپارتىيە قوشۇنى ئۈرۈمچىگە كىرگەن كۈنىدىكى كۆرۈنۈش. 1949-يىلى 20-ئۆكتەبىر.
public domain

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 28 يىل كۈرەش قىلىپ، قان كېچىپ، جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قىرىلىشى بەدىلىگە قۇرغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى. بۇ كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇرغان، ئازاد بولغان، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ خەلقى تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان» كۈن دەپ 72 يىلدىن بۇيان داۋراڭ سېلىنىپ كېلىنمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى 1946-1949-يىللىرى ئۈچ يىلغا سوزۇلغان قانلىق ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭ ئارمىيەسىنى يوقىتىپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە تىبەتنى ئىشغال قىلىش قەدىمىنى بېسىشقا باشلىدى. خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى لەنجۇنى، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي گەنسۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرىداش خېشى كارىدورىغا توپلىنىپ، ھۇجۇم باشلاش ئالدىدا تۇرغاندا، 25-سېنتەبىر كۈنى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ گارنىزون قوماندانى تاۋ سىيۆ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسىنىڭ كومپارتىيەگە تەسلىم بولغانلىقىنى، 26-سېنتەبىر كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى رەئىسى بۇرھان شەھىدى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ كومپارتىيەگە تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە كومپارتىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن ئېتىبارەن 120 مىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە باشقا مەنىۋى، سىياسىي، ماددىي ياردەملىرىدە تايىنىپ، ھاۋا، قۇرۇقلۇقتىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىلىغا كىرىشكە باشلاپ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالدى بىلەن بىر تانكا-برونېۋىك ئەترىتى ئۈرۈمچىنى ئىگىلىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى 72 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدۇق»، «شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقى ئازادلىق ئارمىيەنى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى» دەپ، ئاشۇ كۈنى تانكا-برونېۋىك قىسمىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرگەن، كىشىلەرنىڭ گۈل-تەقدىم قىلىپ قارشى ئېلىۋاتقان سۈرىتى ۋە كىنو فىلىم كۆرۈنۈشىنى داۋراڭ سېلىپ ۋە تەشۋىقات قىلىپ كەلمەكتە.

ھەقىقەتەن، شۇ ۋاقىتتا، يەنى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر خەلقى بۇ خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خوش بولۇپ، ئۆز ئارمىيەسىنى كۈتۈۋالغاندەك قىزغىن قارشى ئالغانمۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇنلىرىنى ئۆزلىرىنى ئازاد قىلغۇچى دەپ قارىغانمۇ؟ ئەنە شۇ كۈنى كومپارتىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرگەن تانكا-برونېۋىك باتاليونىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخىي شاھىت، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان 85 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنى مەكتەپ تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ قارشى ئېلىشقا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتا ھالدا ئىلى ئارمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ كېلىدىكەن دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى، كۆرگەنلىرىنىڭ پەقەت خىتايلار، يەنى شۇ گومىنداڭچى خىتايلاردىن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قارشى ئېلىشقا چىققانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى ئۈرۈمچىنى ئىگىلىگەن كۈنى ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولغانلار، قارشى ئېلىشقا چىققانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار ئىكەنلىكى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۈرۈمچىگە كىرگەن تانكا ئۈستىدىكى ئەسكەرگە گۈل تەقدىم قىلىۋاتقان ۋە ئەتراپتا قارشى ئېلىپ تۇرغانلارغا ئائىت تەشۋىقات سۈرىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ تانكا-برونېۋىك باتاليونى ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى ئىگىلەپ، گەنسۇدىن سوۋېت ئايروپىلانلىرى بىلەن قوشۇن توشۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغاندىن باشقا قالغان قوشۇنلار، يەنى 2-ۋە 6-كورپۇسلار شىمالىي ھەم جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، 1950-يىلى 3-ئايغىچە بولغان 6 ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق ئىگىلىدى شۇنىڭدەك كومپارتىيەنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇپ، ھەممە ئىشلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى.

لېكىن خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۆزى غايەت زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئىشغال قىلغان بۇ جاينى «ئىشغال قىلىش» ئەمەس، بەلكى «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» دەپ ئاتىدى. ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى، خىتاي زىيالىيسى خۇ پىڭ ئەپەندى مەزكۇر «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» ئاتالغۇسىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغان يەرگە ھەرگىزمۇ 100 مىڭلاپ قوشۇن ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ‹تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش›سۆزىنى قوللانغان. ھەتتا بېيجىڭنى ئىگىلەشكىمۇ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش سۆزىنى ئىشلەتتى، مانا ھازىر تەيۋەننى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، دەۋاتىدۇ. شىنجاڭنى ھېچقاچان تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغىنى يوق، بەلكى زور ئەسكىرىي كۈچنى ئەۋەتىپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن. كومپارتىيە تارىخنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. شىنجاڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن بولۇپ، ئەگەردە ئۇنى ئىشغال قىلغان دېسە بولمايتتى، شۇڭا تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش سۆزىنى قوللاندى» دەيدۇ.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ۋە كوممۇنىست قوشۇنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن شۇ ۋاقىتتا غۇلجىدا 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى يەنىلا مۇستەقىللىقى، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتاتتى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى يوق قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ھاكىمىيەت ئۆز دۆلەت بايرىقىنى ئېسىۋاتاتتى. ( داۋامىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.