تارىخنىڭ ساددا ئۈمىد-ئارزۇلىرى: تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خرۇشوفقا ئەرزى قىلىشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.10.14
تارىخنىڭ ساددا ئۈمىد-ئارزۇلىرى: تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خرۇشوفقا ئەرزى قىلىشى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى. 2009-يىلى ئاۋسترالىيە.
RFA/Ümidwar

1949-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلەپ، 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئېسىلىۋاتقان ئاي يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقىنى ۋە ھاكىمىيىتىنى بىكار قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. 1950-1959-يىلى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقى مۇناسىۋەتلىرى يۇقىرى پەللىدە بولۇشى جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى سوۋېت-خىتاي دوستلۇقىنىڭ ئۈلگىلىك رايونلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ھەر يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت، موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلىرىگە مەلۇم مىقداردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا چىقاردى. تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ئالىي مەكتەپ ھېسابلىناتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا خىتاي دائىرىلىرى 1951-يىلىدىن باشلىغان سىياسىي كۈرەشلىرىدە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ۋە باستۇرۇش نامىدا زور ساندىكى ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە سىياسىي كۈرەشلەرنى يىلدىن يىلغا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، 1958-يىلىغا كەلگەندە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتى ۋە ئارقىدىن كوممۇنالاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك تەربىيە دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى. ھەتتا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئاچارچىلىق، كەمبەغەلچىلىك ئەۋجى ئالدى.

مانا شۇ مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىن تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 1960-يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ كەلگەن ساۋاقداشلىرى ئېيتىپ بەرگەن ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىيەت، بولۇپمۇ باي قاتارلىق جايلاردىكى ئاچارچىلىق ۋەقەلىرىدە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ قىرىلىپ كېتىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىرلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىش خېتى يېزىش ھەم بۇ خەتنىڭ بىر نۇسخىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتمەكچى بولۇش ھەرىكىتى يۈز بەردى. ئەنە شۇ خەتنى يېزىپ ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان 85 ياشلىق ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرى تارىخى شاھىدى، پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى ئەخمەد ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەب ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور ياردەملىرىگە تايىنىپ كۈچىيىۋالغان ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1956-يىلى خرۇشوفنىڭ ستالىننى قارىلىشىنى باھانە قىلىپ، 1959-يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىزم لاگېرىدا يۇقىرى ئورۇننى تالىشىپ، خرۇشوفقا شىلتىڭ ئېتىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسىنى تەلەپ قىلىشىنى رەت قىلىشى بىلەن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىشكە ۋە بىر-بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. 1962-يىلىغا كەلگەندە ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى. قىسقىسى، ئىككى مەزكۇر ئىككى كوممۇنىست دۆلەتنىڭ شېرىنئاي مۇناسىۋەتلىرى ئاخىرلىشىپ بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، سۆكۈش ھەتتا دۈشمەنلىككە قاراپ يۈزلىنىش دەۋرى باشلاندى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇ خىل يىرىكلىشىشتىن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇلار موسكۋاغا شىكايەت قىلغاندا چوقۇم بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ، بەلكى بۇ خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىملارنى يېنىكلىتىشتە رول ئوينايدۇ دەپ قارىغان.

نىكىتا خرۇشوف رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا يېزىلغان بۇ خەت ئەمەلىيەتتە مۇراجىئەتنامىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەخمەت ئىگەمبەردى مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭدىكى تۈپ ئىدىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قلىدى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر مۇراجىئەت خېتىنى موسكۋاغا ئېلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە ئالىي رەھبەرلىرىگە يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ تاپشۇرۇش قارارىغا كېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، يەنى كېيىنكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى دولقۇن ياسىن باشچىلىقىدا ئىككى كىشىنى ۋەكىل قىلىپ بېكىتىپ، موسكۋاغا ئەۋەتىدۇ. ئەپسۇسكى، دولقۇن ياسىن قاتارلىقلار ئېلىپ بارغان بۇ خەت موسكۋا رەھبەرلىرىگە يەتمەي قالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي مەسىلىسى بويىچە شۇغۇللىنىدىغان خادىمى تۇرسۇن رەخىموف ئۇلار بىلان كۆرۇشىىپ، ئۇلارنى تاشكەنتكە قايتۇرۇۋېتىش بىلەن ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى، ئەگەر تەلەپ-پىكىرلىرى بولسا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە سۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، ئاشكارا ھالدا مۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

تۇرسۇن رەخىموف 1969-1980-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىن تارقىتىلغان «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» رادىيوسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يازارلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ناملىق كىتابىنى يېزىپ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. ئەنە شۇ چاغدا تۇرسۇن رەخىموف بىلەن سۆھبەتداش بولغان پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرسۇن رەخىموف ئۇنىڭغا مەزكۇر خەت ۋەقەسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن.

تۇرسۇن رەخىموفنىڭ كۆزدە تۇتقىنى، 1960-1961-يىللىرى، يەنى ئوقۇغۇچىلار موسكۋاغا شىكايەت قىلغىلى كەلگەن ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بىر-بىرىنى تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما تېخى دۈشمەن دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرقانداق سىياسىي ھەرىكەتكە تېخى يول قويمايدىغانلىقى، ئەگەر زۆرۈر بولسا بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئىدى. موسكۋادا ياشاپ، 2018-يىلى ۋاپات بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى شەرىپجان ئەخمىدىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېيتىپ بېرىشىچىمۇ ئۇ دولقۇن ياسىن قاتارلىقلار موسكۋادا سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ بىر ئايدەك تۇرغاندا ئۇلارغا ھەمراھ بولغان ھەم تۇرسۇن رەخىموف بىلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشقان، ئەمما تۇرسۇن رەخىموف ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ئىشنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيلا تاشكەنتكە قايتۇرۇۋەتكەن.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار موسكۋادىن قايتقاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئېيتقان. ئۇلارنى سۇلتانوف فامىلىلىك كىشى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەت شارائىتلىرى ئاستىدا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا قېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ چىرايلىق يولغا سالغان. دېمەك، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم قىسمى ۋەتىنىگە قايتماي ئۆزبېكىستاندا قېلىپ يەرلىشىش يولىنى تۇتقان.

ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ئەخمەت ئىگەمبەردى، دولقۇن ياسىن قاتارلىقلار 1963-1966-يىللىرىدىن باشلاپ تۈرلۈك زەربىلەرگە دۇچ كەلگەن، دولقۇن ياسىن 1960-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېلىپ ياشاشقا، ئەخمەت ئىگەمبەردى تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۇزۇن يىللار تۈرمە جازاسىغا ئۇچراپ، 1980-يىللاردا تۈرمىدىن بوشىغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيەدە ياشاش يولىنى تاللىغان. خەت يازغان بۇ ياشلارنىڭ تەقدىرى ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.