تارىخشۇناسلار: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىلا قىلىنغان زېمىن» لىقى بىر تارىخىي ھەقىقەت
2022.05.19
خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى»، «شىنجاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كېلىنگەن» دېگەن سىياسىي نۇقتىئىنەزىرىنى بىردەك بېكىتىپ، بۇ جاينىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىش بىلەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى» دېگەننى ئىنكار قىلغۇچىنى سىياسىي جىنايەت رامكىسى ئاستىدا قاتتىق جازالاپ كەلمەكتە.
«شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى» دېگەن بۇ نۇقتىئىنەزەر ۋە سىياسىي تامغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاقلىق ئېڭى» بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا خىتايدا ئاممىۋى ۋەتەنپەرۋەرلىك، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە تەرغىب قىلىنىپ، ھەممىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش، تەرغىب قىلىش ھەم تىكلەشتە خىتاي تارىخچىلار ساھەسى ئاكتىپ قاتناشتۇرۇلۇپ كېلىندى.
ئۇنداقتا بۇ زېمىن، يەنى «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقسىمى» بولۇپ كەلگەنمۇ؟ بۇ سوئالغا خىتاي ئەمەس تارىخچىلار ئاللىبۇرۇن «ياق!» دەپ جاۋاب بېرىپ بولغان ھەم ھازىرمۇ جاۋاب بەرمەكتە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق تارىخشۇناسلىرىدىن بىرى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ۋە پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرى بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كۆپ يىل ئىزدىنىپ بىرقىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، 18-ۋە 19-ئەسىردە ئىككى قېتىم مانجۇ ئىمپېرىيەسى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق كېيىنكى خىتاي ئۈچۈن ھازىرلاپ بەرگەن. مانجۇ ئىمپېرىيەسى 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ياركەند خانىدانلىقىنى يوقىتىپ، بۇ جاينى ئىشغال قىلغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان ئۆز ئالدىغا دۆلەت، بۇ جايدا ھېچقاچان خىتاي خانىدانلىقلىرى مەۋجۇت بولغان ئەمەس. پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ 1979-يىلى موسكۋادىكى «شەرق ئەدەبىياتى نەشرىياتى» تەرىپىدىن «چىڭ ئىمپېرىيەسى، جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان»، 1991-يىلى تاشكەنتتىكى «پەن نەشرىياتى» تەرىپىدىن «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە» ناملىق ئىككى ئىلمىي تەتقىقات كىتابى رۇس تىلىدا يورۇققا چىققانىدى. پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى بىرىنچى قېتىم مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ 1755-1759-يىللىرى شىمالدىكى جۇڭغارىيە، قەشقەرىيە ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ھەربىي ئىشغال قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشغالىيەتنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى، 1759-يىلى ياركەند خانىدانلىقىنى ئىشغال قىلىپ يوقاتقانلىقىنى خىتايچە تارىخىي نەق ھۆججەتلەر ۋە مەنبەلەر ئارقىلىق يورۇتقانىدى. بۇ ھەقتە 1970-يىللاردا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يازغانىدى.
«پادىشاھ چيەنلوڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىرىنچى قېتىم ئىستىلا قىلغاندا، بۇ جاينى ئىشغال قىلىش، بۇ جايدا ھېچقانداق مۇستەقىل دۆلەتچىلىككە يول قويماسلىق سىياسىتىنى بەلگىلىگەن، چيەنلوڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلغان تۇنجى ھۆكۈمران» دەيدۇ پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف.
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ يەكۈنىچە، 1759-يىلى چىڭ ئىمپېرىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى بىرىنچى قېتىم بېسىپ ئالغاندىن كېيىن پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا، بولۇپمۇ پۈتۈن تۈركىستان ئىككىگە بۆلۈندى. پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر پارچىلىنىش يولىغا باشلاندى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى بۆلۈندى ۋە بۇرۇنقىدەك بىرلىككە كېلىش ئىمكانىيىتى ئازلىدى.
ئابلەخەت خوجايېفنىڭ «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىدە چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ 18-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى قانداق ئىشغال قىلغانلىقى، ئىشغال قىلىش ئۇرۇش جەريانلىرى، قارشىلىقلار، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ جايغا قاراتقان سىياسىتى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر چىڭ سۇلالىسى تارىخىي مەنبەلىرى بويىچە ئەتراپلىق يورۇتۇلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيەسى 1759-يىلى ئەسلى 1514-يىلى قۇرۇلغان ياركەند خانىدانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ ئۇنى بېسىۋالغان.
قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ دوتسېنتى زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ باھاسىچە، ئابلەخەت خوجايېفنىڭ مەزكۇر ئىككى ئىلمىي ئەسىرى تارىختىكى خىتاي چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن مۇھىم ئىلمىي ئەسەردۇر.
ئابلەخەت خوجايېفنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، چىڭ ئىشغالىيىتىنى يورۇتۇشتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوردا ھۆججەتلىرى، تارىخىي مەنبەلىرىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىش بىلەن بىرگە ئېنىقسىز مەسىلىلەرنى يورۇتۇش، ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە توغرا تەسەۋۋۇر قىلىشتا خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك يازما يادىكارلىقلىرى، يەنى ئۇيغۇر مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئانالىز قىلغان.
ئابلەخەت خوجايېف ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى- «چىڭ ئىمپېرىيەسى، جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان» دا 1864-1878-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە زو زوڭتاڭ قومادانلىقىدىكى مانجۇ-خىتاي قوشۇنلىرىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى، كۈرەشلىرى، زو زوڭتاڭ ئارمىيەسىنىڭ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتەشەھەر دۆلىتىنى يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىنى تەپسىلىي يورۇتقان. زو زوڭتاڭ-ليۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى خىتايلاردىن تۈزۈلگەن قوشۇننىڭ 1878-يىلىدىكى بۇ ئىشغالىيىتى، 1864-يىلى چىڭ ھۆكۈمرانلىقى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى قايتا ئىشغال قىلىش ئىدى. دوكتور زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ قارىشىچە، رۇس ۋە غەرب تارىخچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك بۇلارنى بىر ئىشغالىيەت، بېسىۋېلىش دەپ ھېسابلايدۇ.
رۇس تارىخچىلىرىدىن بارتولد، تىخونوف، دۇمان، گۇرىيېۋىچ، يۇدىن، مويسېيېف، بارانوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ جايلارنى بېسىۋالغانلىقى، يەنى ئىشغال قىلغانلىقىنى، بۇ جايلارنىڭ ئەسلى خىتايغا ھېچقاچان تەۋە بولۇپ كەلمىگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ يەكۈنىچە، چىڭ ئوردىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بولدى. زو زوڭتاڭ چيەنلوڭنىڭ ئىشغالچىلىق سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ بۇ جاينى ئىشغال قىلىشتا چىڭ تۇردى ۋە ئاقىۋەتتە 1878-يىلى زور قوشۇن بىلەن بېسىپ ئالدى.
ئۇيغۇر ئېلى، چىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، 1884-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە «شىنجاڭ»، يەنى «يېڭى زېمىن»، ئومۇمەن «يېڭىدىن ئىگىلەنگەن يەر» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدىغان نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە.