«خوتەن ھۆكۈمىتى» -شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.04.21
muhemmet-imin-bughra.jpg مۇھەممەدئىمىن بۇغرا(ئالدىنقى رەت ئوڭ تەرەپتە قارا كىيىملىك) خوتەننىڭ ئۆلىماسى بىلەن. 1933-يىلى خوتەن.
http://en.wikipedia.org

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 1933-يىلى 11-ئاپرېل كۈنى خوتەن شەھىرىدە رەسمىي شەكىلدە ئېلان قىلىنغان خوتەن ھۆكۈمىتىگە 89 يىل توشتى.

1931-يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا خوجانىياز ھاجى، سالى دورغا قاتارلىقلار باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاش بىلەن بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ پەردىسى ئېچىلىپ، بۇ ئىنقىلاب پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلدى. ئەنە شۇ قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 1932-يىلىدىن باشلاپ تۇرپان، كۇچار، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەندىمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قوزغىلىشلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، مەمەت نىياز ئەلەم قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلىڭى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللام قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئىنقىلابى كومىتېت» 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى قاراقاشتا قوزغىلىپ، قاراقاشنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. خوتەن ئىلچىنى ئازاد قىلىپ بولۇپ، خوتەن يېڭىشەھىرىگە كىرىۋالغان خىتاي ھەربىي-مەمۇرىيلىرى، ئەسكەرلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت قورشىۋالغاندىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى تىنچلىق بىلەن تەسلىم بولۇپ، خوتەن شەھىرى تولۇق ئازاد بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىمۇ قوزغىلىپ، ئازادلىققا ئېرىشتى ھەمدە خوتەن قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى يەكەن كونا شەھەرنى ۋە قاغىلىق، پوسكاملارنىمۇ شۇ جايدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئازاد قىلىپ، يەكەن يېڭى شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. مانا شۇ ۋاقىتتا «مىللىي ئىنقىلابىي كومىتېت» نىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىك مەركىزى قاراقاشتىن 1933-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەنگە يۆتكىلىپ كېلىپ، خوتەن شەھىرىنى مەركەز قىلدى. 11-ئاپرېل كۈنى بولسا ئىلچىدا داغدۇغۇلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇھەممەد نىياز ئەلەم باشلىق باشچىلىقىدىكى «ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن»، يەنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، قاراقاشتا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەركىبى ئۆزگەرتىلمەي، مەھەممەد نىياز ئەلەم ئوخشاشلا ھۆكۈمەت رەئىسى، يەنى «مىلىك» دەپ ئاتالدى. سابىت داموللا ئابدۇلباقى دىنىي، مالىيە ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇردى. مىلىك مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئۇنۋان پەرمانى جاكارلاپ م. ئى. بۇغراغا «ئەمىر ھەزرەت» ۋە ئىككى ئىنىسى باشلىق بىر قانچە كىشىگە «ئەمىر» (قوماندان) دېگەن ئۇنۋانلار بېرىلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ھەربىي قوماندانى بولدى. 1933-يىلى 6-ئايدا يەكەن ئازاد بولغاندىن سابىت داموللام بىرقىسىم قوشۇنلار بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا كىرىشىپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. ئەنە شۇنىڭغىچە خوتەن ھۆكۈمىتى پۈتۈن خوتەن ۋە يەكەننى ئىدارە قىلغان مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت شۇنداقلا جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا تۇنجى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىدى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن تۈركىيە چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرەخمەت قۇربان ئەپەندى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ دوكتورانتى مۇھەممەد ئەلى ئەپەندىلەر خوتەن ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئوينىغان رولى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ پروگراممىنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.