تەيۋەنلىك گۈزەل - سەنئەت تارىخ تەتقىقاتچىسى جۇ ئەپەندىنىڭ خىتاي تىلىدا يازغان«خىتاينىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى كىتابى ياپونىيىدە ياپون تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جۇ ئەپەندىم مەزكۇر كىتابىدىكى «خىتايدىكى خۇلار» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي تارىخىدىكى «خۇ» دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى،خۇلارنىڭ ئۆز زامانىسىدا خىتاينىڭ تاڭ دەۋرى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە خۇلارنىڭ ياراتقان گۈزەل - سەنئەتلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە خىتاي مەدەنىيىتنىڭ تەركىبىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
ئاپتور ئەسىرىدە تۇرپان بېزەكلىكتىكى قەدىمقى ئۆيلەردىكى تام سۈرەتلىرىدىن ئېلىنغان سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مەزكۇر سۈرەتتىكى ساز چېلىۋاتقان،ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ دەل خۇلاردىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىغا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ساقال - بۇرۇتلۇق شەكلى كۆرسىتىلگەن ھازىرقى زامان سۈرەتلىرىنىمۇ بىرگە قوشۇپ كۆرسەتكەن.
ھازىر ياپونىيىدە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇشۇلىنىۋاتقان تەيۋەنلىك لى خانىم،تەيۋەنلىك گۈزەل - سەنئەت تارىخ تەتقىقاتچىسى جۇ ئەپەندىنىڭ تەيۋەندىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇنىڭ تەيۋەندە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور. چۈنكى ئۇ، خىتاي تارىخ تەتقىقاتىدا تار مىللەتچىلىكتىن خالى ھالدا،تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتچى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىر تەيۋەندىكى مەشھۇر تارىخچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.»
ئاپتور ماقالىسىدە تارىختىكى خۇلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
«خىتايدىكى بارلىق ئەجنەبىيلەر ئىلگىرى خىتايدا خۇلار دەپ ئاتىلاتتى.كېيىنچە بۇ خىل ئاتىلىش ياڭلارغا ئۆزگەرتىلدى.خىتايدىكى خۇلار بولسا چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،ئۇلارنى يېزا - قىشلاقلاردا كۆرگىلى بولمايتتى.خىتاي مىللىتىنىڭ ئەسلى زېمىنى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەرلەر ئىدى.خىتاي تۇپراقلىرىغا قوشنا بولغان ئەللەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنى خىتاي مىللىتى ئۆزىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى دوڭ يى،بەيدى،شىخۇ،نەنمەن قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايتتى.غەرب،شىمال تەرەپتىكى مىللەتلەر خۇرېن دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دۆلىتى خۇلار بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى.خىتاي تارىخىدىكى جاۋ دەۋرىدە ئۇرۇشتا قوللىنىدىغان جەڭ ئەسلىھەلىرىنى ياساشنى خىتايلار خۇلاردىن ئۆگەنگەن.خۇلار ئۇرۇشقا ماھىر بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆپلىگەن پۇللارنى بېرىپ،ئۇلاردىن ئەسكەرلەرنى ياللىغان.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن غەربىي رايون بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان.شۇندىن بېرى خۇلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر خىتاي تۇپرىقىغا كەلگەن.خۇلار چاڭئەنگە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ،خىتايلارنى ھەيرانقادۇرغان.مەسىلەن:يانغاق،تەرخەمەك،كۈنجۈر،مۇچ،قاتارلىقلار يېمەكلىكلەر،تۇرمۇشتا قولىنىدىغان قاتلىما ئورۇندۇق،چالغۇ - ئەسۋابلاردىن نەي،ئوۋچىلىقتا قوللىنىدىغان ئوقيا،ناخشا - ئۇسۇلدىن بولسا سۇغىدى ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار خۇلارنىڭ ئىدى.تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى خۇلارنىڭ نوپۇس سانى ئېشىپ بارغان. چۈنكى جىن سۇلالىسى ۋاقتىدا مىلادى 304 - يىلىدىن 439 - يىلغىچە بولغان ئۇرۇشتا خۇلار خۇئابېينى بېسىۋالغان بولۇپ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھۇنلار، شيەنبېي، دى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى خۇلار دەپ ئاتىلاتتى.خۇلار خۇئابېينى ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ.ئەمما خۇلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن ئۇلار تاڭ سۇلاسىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولغان.تاڭ سۇئالالىسى جەمئىيىتىدە خۇلارچە كىيىنىش،خۇلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈش،خۇلارچە ياسىنىش ئومۇملاشان ئىدى.»
ئاپتور خۇلارنىڭ سوڭ سۇلاسى ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،خۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
«خۇلار داۋاملىق سوڭ سۇلاسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. چۈنكى بۇ دەۋردە سوڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى خۇلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق يات مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. خۇلار مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلارغا كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن.خۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەر،دىن تارقاتقۇچى،سازەندە،سېركچى ۋە ئۇسۇلچى ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈز شەكلى،كۆزى،قېشى،
ئەرەبلەرگە ئوخشايتتى.ئۇلار ئۇزۇن يەڭلىك كۆڭلەك،ياقىلىق چاپان،شىم كىيەتتى.خىتايدا بۇ خىل پاسوندا كىيىنىش خۇلارچە كىيىنىش دەپ ئاتىلاتتى.ئۇلارنىڭ كىيىم شەكىللىرى خىتايلاردىن كۆپ پەرقلىق ئىدى.ئۇلار ئۇزۇن خۇرۇم سومكىلارنى ئېسىۋالاتتى.بۇ خىلدىكى خۇرۇم سومكىلاردا ئۈزۈمدىن ياسالغان،خۇش - پۇراقلىق،ئۈزۈم شارابى بولۇپ،خۇلار بۇ خىلدىكى شارابلارنى چاڭئەنگە ئېلىپ كېلەتتى.سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلچى قىزلار تۇرپاندىكى تام سۈرەتلىرىدىن ئېلىنغان خۇلاردىكى ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ تام سۈرىتى.بۇ ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ كۆزلىرى يوغان.كىيىملىرى نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ،مانا بۇلار ھەقىقىي خۇلارنىڭ سۈرىتىدۇر.»
ئاپتور ماقالىسىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزى بولغان چاڭئەننىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان:
«تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزى چاڭئەنگە غەربتىن كۆپلىگەن خۇلار كەلگەن.خۇ سودىگەرلىرى چاڭئەندە تۇرغان.ئۇلار چاڭئەندە ئاساسلىقى ئۈنچە - مەرۋايىت دۇكانلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە خاس بولغان يېمەكلىك دۇكىنى ۋە ئاشخانىلارنى ئاچقان.چاڭئەندە كۆپلىگەن خرىستىئان دىنىنىڭ چېركاۋلىرى،مانىي دىنىي ئىبادەتخانىلىرى بولغان. چاڭئەندىكى مەيخانىلەردە خۇلارنىڭ قىزلىرى خىزمەت قىلاتتى.خۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ نازىنلىقىغا،كىيىملىرىنىڭ نەپىسلىكىگە،ھۈسنى - جامالىنىڭ گۈزەللىكىگە ئاتاپ شۇ دەۋىرنىڭ شائىرلىرى كۆپلىگەن نەزمىلەرنى توقۇغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر شائىرلاردىن لىبەينىڭ ئەڭ كۆپ نەزمە يازغانلىقى مەلۇم.خۇلارنىڭ قىزلىرى مەي ساتقاندا تولىمۇ تەبەسسۇم بىلەن كىشىلەرگە باقاتتى.خۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ كىيىم شەكلى تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى خېلى دەۋىرلەرگىچە ئومۇملىشىپ،شۇ خىلدىكى كىيىملەرنى كىيىش مودىغا ئايلانغان ئىدى.خۇلار بەزىدە كۇيىنلۇن تېغىدىن كەلگەنلەر دەپمۇ ئاتىلاتتى.كۇيىنلۇن تېغى ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن بولسىمۇ،ئەمما خىتايلار،ئۇ يەرنى تولىمۇ يىراق بولغان،يىراق جاي دەپ ئويلايتتى.مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى،چىڭ سۇلالىسىنىڭ بېشىدا خۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان غەربلىكلەر خىتايغا كەلگەن،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىن تارقاتقۇچىلار،ئەلچىلەر،
سودىگەرلەر بولۇپ،ئۇلارنى خىتايلار بەزىدە ئاتلانتىك ئوكيان ئادىمى ۋە ياكى ياڭرېن دەپمۇ ئاتايتتى.»
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان:
«خىتاي مەدەنىيىتىگە خۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولۇپ،ئۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى خىتاي سەنىتىدە ۋە مەدەنىيىتىدە تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.»
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.