ياپونىيە كېيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى سېگىيا ماساكى ئەپەندى يېقىندا ئۆزىنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ياپون مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ياپونىيە تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارغا ياپون تارىخچىلىرىنىڭ،ئوبزورچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ۋە باھالىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە ياپونلارنىڭ ئەزەلدىنلا مۇنقەرىز قىلىنمىغان، باشىلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.شۇنداقلا ماقالىسىدە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ تارىختا تەيۋەنگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقنى ئاقلىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە موڭغۇللار بىلەن ياپونلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشقا غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بەرگەن باھاسى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
موڭغۇللار ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلدى.ياپونىيە تارىخىدىكى بۇ ئۇرۇش،ئەنگىلىيىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى توينبېئې تەرىپىدىن مۇنداق تەرىپلەنگەن؛1274 - يىلى،موڭغوللار بىلەن ياپونلار ئارىسىدىكى بۇ ئۇرۇش گويا ئەينى ۋاقىتتىكى يۇنانلار بىلەن پارىسلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ئۇرۇشتا گرېتسىيە دۆلىتى، جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئەسكىرى كۈچى ئۆزىدىن نەچە ھەسسە زور بولغان پارىسلارنى يەڭگەنگە ئوخشاش، موڭغۇللار بىلەن ياپونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىمۇ، كىچىككىنە ئارال دۆلىتى موڭغۇللارنى يەڭدى.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە رۇسىيە - ياپونىيە ئارىسىدا پارتلىغان ئۇرۇشتا خان ئائىلىسىنىڭ رۇسلارنى يېڭىش ئۈچۈن، موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى كاتتا خاتىرلىگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:13 - ئەسىردىكى موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ياپونىيىدە داغدۇغىلىق خاتىرلىنىپ،1892 - يىلى بۇ ئۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ناخشا ئىجاد قىلىنغان.ئەينى چاغدىكى بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان ھەربىي قوماندان ھوجۇ توكىمۇنې ۋاپات بولۇپ،ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ،مېيجى دەۋرىگە كەلگەندە ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى تەرىپىدىن ھەربىي قوممماندان ھۇجۇ توكىمۇنېغا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوردېن بېرىلىپ،تارتۇقلانغان. مېيجى دەۋرىدە موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي قوماندانى ھوجۇ توكىمۇنېنىڭ خاتىرلىنىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ دەل رۇسىيە ياپونىيىگە ھۇجۇم باشلىغان ۋاقىت بولۇپ، شاھ ئائىلىسى بۇ قېتىمقى رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشىتىمۇ، موڭغۇللار بىلەن بولغان ئىلگىرىكى ئۇرۇشتىكىدەك غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈزۈسىدىن،تارىختىكى ئۇرۇش سەركەردىلىرىنى شۇ سەۋەبتىن ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە قايتا خاتىرلەنگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە ياپونىيىلىك مەشھۇر ئوبزورچى كۇرېئى ئەپەندىمنىڭ ياپونىيە تارىخىدىكى ئۇرۇشلارغا بەرگەن ئۆزگىچە قاراشلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلى توختىلىپ، بۇ توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلغان:ئۇزۇن مۇددەت دېڭىز ئاستىدىكى ھايۋاناتلار تەجىربەخانىسىدا موڭغولىيە قويىنىڭ تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، ياپونىيىلىك ئوبزورچى كۇرېئى ئەپەندىم، ياپونلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ:
- كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەملىكىچىلەر، مۇستەملىككە قىلىنغۇچىلارنى تىزدىن ئۇنتۇپ كېتىدۇ.ئەمما مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار،مۇستەملىكىچىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ - دېيىشىدۇ. مېنىڭچە بۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس. ياپونلار موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان جەڭدىكى مەغلۇبىيىتىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى. بۇلارنى پەقەتلا ئەسلىمىدى. ياپونلارنىڭ بۇنداق تارىخلارنى ئۇنتۇپ كېتىشى ئالاھىدە ئەھۋال. ئىلگىرى توكيودىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا ئولتۇرۇش قىلىۋاتاتتۇق. بىر كورىيىلىك ئوقۇغۇچى ياپونلار كورىيىنى بېسىۋالغان دەپ ياپونلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ياپونلارنى تەنقىدلەۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر موڭغۇل ئوقۇغۇچى كېرىپ - كەلدى. بۇنىڭ بىلەن كورىيىلىك ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ سۆزلەۋاتقان ياپونلار توغرىسىدىكى تېمىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، تارىختا موڭغۇللار بىزگە ھۇجۇم قىلغان دەپ سۆز باشلىدى. تارىخنىڭ ھۆكۈمى شۇكى مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرى، دەۋىرنىڭ ئىدىيىسىگە ماس ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.19 - ئەسىردە دۇنيا ئەللىرىنىڭ بىر - بىرىنى مۇستەملىكە قىلىش ئىدېئولوگىيىسى يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن دەۋىر ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانىڭ مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتى، تاجاۋۇزچىلىق قىلىش سىياسىتىگە ئۆزگەردى. ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇللارنىڭ ياپون، كورىيىگە ھۇجۇم قىلىشى،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈلگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئۇرۇشنى يەتتە ئەسىردىن كېيىن يەنى 20 - ئەسىردە ياپونىيىلىك تارىخچى ئوكادا ھىدېھىرو، موڭغۇل - ياپون ئۇرۇشىنى«دۇنيا تارىخىنىڭ تۇغۇلۇشى» دەپ ئاتىدى.
ئاپتور ماقالىدە يەنە ئوبزورچى كۇرېئى ئەپەندىمنىڭ ياپونلارنىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىشىغا بولغان قاراشلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
- ئوبزورچى كۇرېئىنىڭ قارىشىچە، ياپونلارنىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىشى تەيۋەنلىكلەرنىڭ نەزىرىدە،بۇ بىر خىل ياپونلارنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە قىلغان زىيانكەشلىكى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەيۋەنلىكلەر بۇنداق دەپ قارىمايدۇ. تەيۋەنلىك تارىخشۇناس تەتقىقاتچىلار ياپونىيە ئۈستىدىن ھەرگىز شىكايەت قىلمايدۇ.بۇ بەلكىم دەۋىرنىڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭق قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكىلىدىن بولسا كېرەك.
ئاپتور ماقالىسىدە، موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ياپون خەلقىنىڭ قارشىلىقى ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشى،ياپونلارنىڭ ئۆزىنى قوغداپ، غەلبىگە ئېرىشىپ، مۇستەملىكىدىن ساقلانغان بولسا،موڭغۇللار خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بېسىۋالغان. موڭغۇللار بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغان ئارمىيىسىنى تەشكىللىگەن.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا قوماندانلىق قىلغان ھەربىي سەركەردە ھوجۇ توكىمۇنېنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:13 - ئەسىردىكى موڭغۇل - ياپون ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان ھوجۇ توكىمۇنې ئۆزى قوشۇن تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ دىنىي، ئەپسانىۋى قاراشلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «ياپونىيىنى تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ.«دېگەن ئىدىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ،
ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان. ياپونىيە تارىخىدىكى 7 - ئەسىردىكى شوتۇكۇ تايشى شاھزادە زامانىسىدىن باشلاپ، ياپونىيە خىتايدىكى ھېچقانداق سۇلالىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىغان. سەۋەبى ياپونىيە جۇڭگۇئوغا ئەگەشمىگەن.ئەگەر ياپونىيە جۇڭگۇئوغا ئەگەشكەن بولسا، بەلكىم ئاللىقاچان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، بەلكىم تىبەت، ئىچكى موڭغۇللاردەك خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولار - ئىدى.تارىختا موڭغۇللار ياپونغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان،ئۈچىنچى نۆۋەت ھۇجۇم قىلىش پىلانىدا بولغان بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلمىغان. كورىيەنىڭ 10 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن،كورىيە تارىخىدىكى كوريو خاندانلىقى ياپونغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلمىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھيۇما ئەپەندى ياپونىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىماسلىقى سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ياپونىيە مېيجى دەۋرىدىن باشلاپ ئويغىنىش ھاسىل قىلىپ، ئىلىم - پەن،مائارىپ،دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە ھەربىي جەھەتتە غەربنىڭ تەرەققىياتىنى تىزدىن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى قوغداشقا ئۆتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.