ياپونىيىلىك ئۇمىمۇرا ئەپەندىنىڭ نەزىرىدىكى قەشقەرنىڭ قول - ھۈنەرۋەنچىلىكى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-05-05
Share
qeshqer-heytgah-305.png قەشقەر ھېتگاھ جامەسى
RFA/Qutluq

يېقىندا ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ئۇمىمۇرا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «قەشقەرنىڭ خىزمەتچىلەر كوچىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ تارىختىكى دۇكانلارغا تولغان كوچىلىرى بىلەن ھازىرقى ھالىتى سېلىشتۇرۇلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، قەشقەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، دۇنيا تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى،مەدەنىيىتى،قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇرلىقىنى تەسۋىرلەپ،ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز خاتىرىلىرىدە قالدۇرغان قەشقەر توغرىسىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

«قەشقەر شەھىرى خىتاينىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى. قەشقەرنىڭ تارىخىي تولىمۇ ئۇزۇن بولغان تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق شەھەر.قەشقەرنىڭ قول - ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنئەنىۋى قول سانائىتى قەشقەردە كۆپ بولغانلىقتىن،بۇ يەر ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆپلىگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاۋات بازارلىرىنى زىيارەت قىلىشقان.شۇ ۋاقىتتىكى ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەر ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان ساياھەت خاتىرلىرىدە قەشقەر شەھىرى مۇنداق خاتىرلەنگەن: قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىنى مەركەز قىلغان بازارنىڭ ئۆزىدىلا بەش يۈز يەتمىش ئۈچ دۇكان بار.بۇ دۇكانلارنىڭ 20% كىيىم - كېچەك،60% ئەتىر،سوپۇن،10% ئۇن، گۆش دۇكىنى،6.05% ناۋايخانا،4.9% تۆمۈرچىلىك،4.2% مېۋە - چىۋە، باققال دۇكانلىرى ۋە ئۇندىن باشقا زەرگەرچىلىك،موزدوزلۇق،باپكارچىلىق،گىلەمچىلىك،ساتراچلىق،چالغۇ - ئەسۋابلارغا ئائىت دۇكانلارمۇ كۆپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ھەر - كۈنلۈكى مۇقىم ئېچىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەپتە بىر قېتىم بولىدىغان چوڭ بازارلارمۇ بار. بۇ بازارلاردا سامسا، گۆش، ئۇن، مېۋە، كۆكتات ۋە ئاياق قاتارلىقلار سېتىلىدۇ.بۇ خىلدىكى بازاردا ئىككى يۈزدىن ئوشۇق دۇكان بار. ئاساسلىقى دوپپا، ئاياق، ئۆتۈكلەر كۆپ سېتىلىدۇ.بازاردا ياغاچتىن ياسالغان ئائىلىگە ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى،نەقىشلىنىپ ئىشلەنگەن گۈزەل - سەنئەتلىك نەرسىلەرمۇ سېتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئات - ئۇلاغلارنى تاقىلاش دۇكانلىرىمۇ بار. قەشقەرنىڭ رەستىلىرىدىكى دۇكانلار بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ رەستىلەردە ماڭسىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۇزۇر ھېس قىلىسىز.»

ئىلگىرى كۆپ قېتىم قەشقەرگە زىيارەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن بارغان ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ياماگۇچى قەشقەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«قەشقەر تارىختا ئۆزىنىڭ ياراتقان قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بىلە مەشھۇر. قەشقەرنىڭ رەستىلىرى، دۇكانلىرى ئۆزىنىڭ سەر - خىللىقى بىلەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان. لېكىن،1990 - يىللاردىن كېيىن، كۆپلىگەن يەرلەر چېقىلىپ ئۆزگەرتىۋېتىلدى.»

ئاپتور ماقالىدە تارىختىكى مەشھۇر قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«قەشقەرنىڭ بازارلىرى،رەستىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى،21 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆزگىرىشكە باشلاپ،زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.قەشقەرنىڭ يۈرىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئىدى.مەسچىتنىڭ ئالدىدا چوڭ مەيدان بار.مەسچىتنىڭ يان تەرىپىدىكى تامغا ئېسىلغان يۈز يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە بىر سۈرەت بار.سۈرەتتە قەشقەردىكى مۇزىكا،چالغۇ - ئەسۋاب دۇكىنىدىن باشقا پۈتكۈل دۇكانلار چۈشۈرۈلگەن. بۇ ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش مۇزىكىغا ھېرىسمەن، مۇزىكىنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاياتىغا ئائىت بۇ سۈرەتتە چاغۇ - ئەسۋاب،مۇزىكا دۇكانلىرىنىڭ يوقلۇقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. يېقىندا بۇيان قەشقەردە بازارلار، رەستىلەرنى چېقىلىپ،يېڭى قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىپ، پۈتكۈل قەشقەر شەھىرى ئۆزگەرتىۋەتتى. پەقەتلا قىسمەن جايلارلا ساياھەتچىلىككە قوللىنىش ئۈچۈن ساقلىنىپ قالدى.»

ماقالىدە قەشقەرنىڭ گۈللەنگەن قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرلۈك سىياسىي جەريانلاردا ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ ئۇيغۇر قول - ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«1955 - يىلى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. شۇندىن باشلاپ بۇ تۇپراقتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى، قانۇنى رەسمىي يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. قەشقەردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتى، ئىلگىرىدىكى خۇسۇسىي كارخانچىلىقتىن كوللېكتىپ ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا ئۆزگەرتىلدى. خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قەشقەردىكى بارلىق قول - ھۈنەرۋەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ،ناماز ئوقۇش رۇخسەت قىلىنماي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقالغان مەسچىتلەرنى كوللېكتىپ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر بۇنىڭغا قارشى تۇردى. بىر قىسىملىرى ئۆز كەسپىدىن ئىستىپا بېرىپ،يېزىلارغا كۆچۈپ دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سانى كۈنىدىن - كۈنگە ئازايدى. مەسچىتلەردە كوللېكتىپلاشتۇرۇلغان كارخانىلار ماشىنىلىشىپ تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىقتا قوللىنىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىرىشقا باشلىدى. قەشقەردىكى بۇ خىل سانائەت كارخانا تۈزۈمى خېلىغىچە داۋاملاشتى.بۇ خىل تۈزۈم قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋات رەستىلىرىدىكى قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىنى بىر مەزگىل ۋەيران قىلىۋەتتى. قەشقەر شەھىرى ئۆزىدىكى بازارلار بىلەن ئەتىراپىدىكى يېزىلارغا تۇتىشىپ كەتكەن. شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ئاۋات بازارلىرىدىن كىشىلەر قەشقەرنىڭ قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىلەيتتى.»

ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە قەدىمقى گۈزەل - سەنئەت بۇيۇملىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەھەت ھاجىم قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى مەنزىرىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.