«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 6 - يانۋار)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 2013 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى قىسمىدا 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەۋرىدە بەدۆلەتنىڭ مەنچىڭ سۇلالىسىغا خەت ئەۋەتىپ، سۈلھى تۈزۈشكە ئىنتىلگەنلىكى ھەمدە ياقۇپبەگ ئەۋەتكەن دۆلەت خېتىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئاڭلايسىلەر.

0:00 / 0:00


بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە ئالىمى يازغان 1934 - 1937 - يىللىرى ئارىسىدا ما خۇشەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرىنىڭ خوتەندىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

بۇلاردىن باشقا يەنە قورغاس مازارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەييارلانغان مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ياقۇپبەگ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان دىپلوماتىك ئالاقىلەر

قۇتلان ماقالىسى

ياقۇپبەگ بىلەن مەنچىڭ خاندانلىقى ئوتتۇرىسىدا رەسمىي ئالاقە بولغانمۇ؟

بۇ سوئال ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىشلارنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە 1864 - يىلىدىن 1877 - يىلىغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە، رۇسىيە ۋە ئوسمانلى سۇلتانلىقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ئىلىم ساھەسىدە يېتەرلىك ھۆججەتلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىچە دەلىللەنمىگەن ئىدى. 2012 - يىلى مارتتا كوپېنھاگېندا چاقىرىلغان «قەشقەردە ئۇچرىشىش» ناملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيىلىك ياش تەتقىقاتچى ئونۇما تاكاھىرو تۇنجى قېتىم ياقۇپبەگنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىنى يىغىن ئەھلىگە ئاشكارا قىلغان ئىدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتمەيلا ئۇ يەنە شىنمەن ياسۇشى ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىقتا ياقۇپبەگنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياقۇپبەگكە يوللىغان جاۋاب مەكتۇپىنى قوشۇپ ماقالە ھالىتىدە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 1871 - يىلى ياقۇپبەگ بىلەن مەنچىڭ خاندانلىقى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم مەكتۇپ ئالاقىسىنىڭ بولغانلىقى رەسمىي ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىنمەن ياسۇشى بىلەن ئونۇما تاكاھىرولارنىڭ «ياقۇپبەگ بىلەن چىڭ خاندانلىقى ئارىسىدىكى تۇنجى دىپلوماتىك ئالاقە» ناملىق ماقالىسى ياپونىيىدە چىقىدىغان "ئاسىيا ئافرىقا تەتقىقاتى جۇرنىلى" نىڭ 2012 - يىللىق مەجمۇئەسى (ئومۇمىي 84 - سان) دە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئۆز دەۋرىدە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىنىڭ ئورىگىنال نۇسخىسى ھازىر تەيبېيدىكى خان سارىيى (گۇگوڭ) مۇزېيىدا ساقلانغان. ناھايىتى ئۇستا خەتتاتنىڭ قەلىمى بىلەن پۈتكەن بۇ مەكتۇپ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، ئاخىرىغا ياقۇببەگنىڭ شەخسىي مۆھرى بېسىلغان.

مەكتۇپنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ياقۇپبەگنىڭ قوشۇن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلىش جەريانى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلار يۇرتىدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن. مەكتۇپنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن تىنچ ئۆتۈش سىياسىتىنى بايان قىلغان ھەمدە بۇنى تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى ئۇرۇشلىرىدا قولغا چۈشكەن چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكى بىلەن دەلىللىگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تىكلەنگەن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەكتۇپنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ياقۇپبەگ ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىدا تىكلىگەن ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ھەمدە مەنچىڭ خاندانلىقىدىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىقى ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپبەگ 1870 - يىلى يازدا قەشقەردىن زور قوشۇن تارتىپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان. ئالدى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا يېتىپ بېرىپ 6 ئايغا سوزۇلغان مۇھاسىرە جېڭى ئارقىلىق تۇڭگانلارنى مەغلۇپ قىلىپ شۇ يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا تۇرپاننى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىنلا ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىپ، ئالدى بىلەن داۋانچىڭ قەلئەسىنى ئالغان ئاندىن ئۈرۈمچىگە تېگىش قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى داۋۇت خەلپە (تۇمېن) مەغلۇب بولۇپ ياقۇپبەگكە تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىلى ۋە قومۇلدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار ياقۇپبەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق رايونمۇ شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولغان.

1871 - يىلى فېۋرالدا ياقۇپبەگ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ تۇرپاندا ئىككى ئاي تۇرغان ۋە قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالغان. بۇ مەزگىلدە ياقۇپبەگ مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن دىپلوماتىك يوسۇندا ئالاقە ئېلىپ بېرىش پەيتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەخسۇس دۆلەت مەكتۇپى يوللاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ شەخسىي مۆھۈرى بېسىلغان دۆلەت مەكتۇپى ھازىرلىنىپ، تۇرپانغا ئەسىرگە چۈشكەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى مېيجېنچىڭ ئارقىلىق 1871 - يىلى 1 - مارتتا قومۇلغا يولغا سېلىنغان. مېيجېنچىڭ بۇ مەكتۇپنى ئېلىپ 12 - مارتتا قومۇلغا يېتىپ بارغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەمەلدارى ۋېنلىن قومۇل ۋاڭىنىڭ ياردىمى بىلەن مانجۇ تىل - يېزىقىنى بىلىدىغان ئۇيغۇر تەرجىمانلارنى ئىشقا سېلىپ، بۇ مەكتۇپنى مانجۇ ۋە خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. ئاندىن تېز يۈرەر پوچتا بىلەن بېيجىڭغا ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېنلىن چىڭ ئوردىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياقۇپبەگكە جاۋاب مەكتۇپ يازغان. شۇ يىلى 28 - مارتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى بايشىتەي بۇيرۇققا بىنائەن بۇ مەكتۇپنى ئېلىپ قۇمۇلدىن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققان. ئامما بۇ مەكتۇپ تۇرپانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ياقۇپبەگ تۇيۇقسىزلا قاراشەھەرگە قاراپ يولغا چىققان. چۈنكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چار رۇسىيىنىڭ قوشۇن باشلاپ كىرىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى گۇمران قىلىشى ياقۇببەگنى شەرقىي چېگراغا قارىغاندا غەربىي چېگرىغا، بولۇپمۇ چار رۇسىيە تەرەپتىن كېلىدىغان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ جاۋاب مەكتۇپى ياقۇپبەگنىڭ قولىغا تەگمەي قالغان. چىڭ ئەلچىسى تۇرپان بۇيلۇقتا تۇرۇپ ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەكتۇپنى تاپشۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمەي قايتىپ كەتكەن. شۇندىن كېيىن ياقۇپبەگ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن كېلىۋاتقان بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئويۇنغا قايتا قىزىقمىغان. ئۇنداقتا، چىڭ سۇلالىسى ياقۇببەگنىڭ مەكتۇبىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياقۇپبەگكە يوللىغان جاۋاب مەكتۇپى ھازىر تەيبېيدىكى خان سارىيى مۇزېيىدا ياقۇپبەگنىڭ مەكتۇپى بىلەن بىرلىكتە ساقلانغان. بۇ مەكتۇپ خىتاي خەتتاتلىق ئەنئەنىسى بويىچە چىرايلىق ۋە ياسالما ئىبارىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ياقۇپبەگنى «پاشا» دېگەن نام بىلەن ئاتىغان. لېكىن، مەكتۇپنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىغا چىڭ تەۋەلىكىدىكى مەلۇم بىر يەرلىك ھاكىمىيەتكە بېيجىڭدىكى مانجۇ خانىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقاندەك تۈس بېرىلگەن. مەكتۇپتا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، تۇرپان ۋە جەنۇبتىكى سەككىز شەھەرنىڭ ئەسلىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسى ئىكەنلىكى، "پاشا" نىڭ تېزلىك بىلەن بۇ زېمىنلارنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ "بۈيۈك خان" نىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشى ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

چىڭ سۇلالىسى گەرچە بۇ ۋاقىتتا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاللىقاچان غۇلىغان، ئوردىدا لى خوڭجاڭ بىلەن زو زوڭتاڭ ۋەكىللىكىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى گۇرۇھنىڭ تالاش - تارتىشلىرى كۈچەيگەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ياقۇپبەگنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قەتئىي تۈردە رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن ياقۇپبەگنىڭ دۆلەت مەكتۇپى ئەۋەتىلگەن 1871 - يىلىنىڭ باھار پەسلىدە گەرچە چىڭ ئوردىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنى قايتۇرىۋېلىش ياكى تاشلىۋېتىش ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن مانجۇ خاندانلىقىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىدا يەنىلا قولدىن كەتكەن زېمىنغا نىسبەتەن «ۋاز كەچمەسلىك»، «ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىك» خاھىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تارىخچى شىنمەن ئەپەندى ئونۇما ئەپەندىلەر ئۆز ماقالىسىدا ياقۇپبەگنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە يازغان مەكتۇبىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى 2011 - يىلى تەيبېيدىكى خان سارىيى مۇزېيىدا تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بايقىغانلىقىنى، بۇ مەكتۇپنىڭ ياقۇببەگ دۆلىتىنىڭ مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق ئېنىقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.