بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرى، يەنى 1937-1938-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، مىليونلىغان ئادەملەر تەقىبلەش قۇربانلىرىغا ئايلانغان ۋە «گۇلاگ» دەپ ئاتالغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش قىسمىتى داۋاملاشماقتا.
1937-1938-يىلىدىكى «چوڭ تېررورلۇقى» تىكى ئۇيغۇر تراگېدىيەسى
تارىخچىلار تەرىپىدىن 1937-1938-يىللىرىدىكى «چوڭ تازىلاش» ياكى «چوڭ تېررورلۇق» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، 1937-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ قارارى بويىچە، شۇ يىلى 30-ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى «00447 -نومۇرلۇق» قارار ۋە كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «863-نومۇرلۇق» مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» دەپ نام ئالغان سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ستالىننىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى، ھەربىي قوماندانلىرىدىن ماراشال، گېنېراللار ۋە نەچچە يۈزلىگەن يۇقىرى -ئوتتۇرا دەرىجىلىك كوماندىرلار، داڭلىق يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئالىملار ۋە زىيالىيلار ھەم باشقىلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆلتۈرۈلمىگەنلەر بولسا سىبىرىيەدىكى گۇلاگ لاگېرلىرىغا ھەيدەلگەن. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بىر سىياسىي تازىلاش ھېسابلىناتتى.
قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوف ئەنە شۇ 1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ چوڭ سىياسىي تازىلاش ھەرىكىتى ھەققىدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تازىلاشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونىدىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردە يېتىشىپ چىققان زىيالىيلىرى، ئەدىب-شائىرلىرى، ئالىملىرى ھەم دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنغان. كۆپ ساندىكى كىشى سىبىرىيەدىكى «گۇلاگ» لارغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
1937-1938-يىللىرىدىكى سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، «گۇلاگ» لارغا ھەيدەلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت. تارىخشۇناس روبېرت كونكۋېستنىڭ مەلۇماتىچە، 1937-1938-يىللىرى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 7 مىليوندىن 8 مىليونغىچە ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليودىن 1 يېرىم مىليونغىچە ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. تەخمىنەن 2 مىليون ئادەم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا ئۆلگەن.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تاكى 1953-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ «گۇلاگ» لارغا سولانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ دەھشەتلىك جازالاش ۋە كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا، جۈملىدىن قازاقىستاندا ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ئېغىر بولغان، ئەگەر 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ قىرغىنچىلىقىنى قوشسا»، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەن 25 مىڭ ئۇيغۇرنى قوشسا ئۇيغۇرلار سىياسىي تەقىبلەشنىڭ قۇربانلىرى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ».
1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ «چوڭ تېررورلۇقى»، يەنى «چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى» نىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى خاراكتېرلىك بولۇشىغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرى رۇسلاردىن پەرقلىق ئەيىبلەشلەرگىمۇ ئۇچراپ جازالانغان بولۇپ، ستالىن ھاكىمىيىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1920-يىللاردا مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، رۇسىيە بولشېۋىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغان، ئەمما يەنىلا ئۆز مىللىي ئىدىيەلىرىنى ساقلاپ قالغان ئۆزبېك، قازاق، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىمۇ «مىللەتچىلىك» ۋە «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ۋە ياكى سىبىرىيەدىكى گۇلاگلارغا سۈرگۈن قىلغان ئىدى. ئەنە شۇلار قاتارىدا 1920-1924-يىللىرىدىكى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى، خارەزىم خەلق جۇمھۇرىيىتى، قازاقلارنىڭ ئالاش ئوردا ھەرىكىتى رەھبەرلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋەكىللىرى، جۈملىدىن فەيزۇللا خوجايېف، ئابدۇرەۋۇپ فىترەت، ئەلىخان بۇكىخانوف، ئابدۇللا قادىرىي ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك سەرخىللىرى بار ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى سۆزىدە: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەقىبلەشتە باشقا جايدىن پەرقلىق ئەھۋال شۇكى بۇ يەردە مىللەتچىلىك ۋە پانتۈركىزم جىنايىتى ئارتىپ جازالاش بولدى. بۇ يەردىكى زىيالىيلاردا ۋە دۆلەت ئەربابلىرىدا مىللەتپەرۋەرلىك خاھىشلىرىمۇ بار ئىدى. چۈنكى لېنىن ئۆزى ھاكىمىيەتنى ئالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيەدىكى مىللەتلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. نەتىجىدە، كاۋكازىيەدىكى گىرۇزىن، ئەرمەن، ئەزەربەيجانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇنىدا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خالىسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش، خالىسا چىقىپ كېتىش ھوقۇقى بارلىقى كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرى بۇ ھوقۇقنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار جازالاش ئوبيېكتى بولغان ئىدى» دەپ تەكلىتلىدى.
1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاش ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور بالاسى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، تاشكەنت، ئالمۇتانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتى بولغان. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا خېلى كۆپ ساننى 1920-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغانلار تەشكىل قىلغان.
پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت تۈزۈمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئۆزبېك، قازاق، قىرغىزلار بىلەن ئورتاق بولغان جىنايەتلەردىن باشقا يەنە پەرقلىق بولغان جىنايەتلەرنىمۇ ئارتقان بولۇپ، كۆپىنچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «خىتاينىڭ جاسۇسى»، «ياپونىيە جاسۇسى» دېگەن خىيالىغا كىرىپ باقمىغان ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، ئەلۋەتتە، كۆپ يازغۇچى -شائىرلار، زىيالىيلارغا بولسا پانتۈركىست، مىللەتچى دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى، نۇر ئىسرايىلوف، تۇردى ھەسەن ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، شائىر-يازغۇچىلىرى ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەرھۇم خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، 1937-1938-يىللىرى تاشكەنتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنىپ، «گۇلاگ» لارغا ھەيدەلگەن، تاشكەنت شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركىزى بولۇشتىن قالغان. تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى، گېزىتخانىلار تاقالغان. ئەسلىدە تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر پروفېسسورلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت قىلاتتى ھەمدە مائارىپ نەشرىياتى، شەرق ھەقىقىتى گېزىتخانىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر شائىر ۋە ئەدىبلىرىنىڭ ئاساسى قىسمى تاشكەنتتە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان. رابىك ئىسمايىلوف بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار شۇ ۋاقىتتا ئاساسلىق تۇتقۇن قىلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن پەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. پەرغانە ۋادىسىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارغا «سىلەر ئۆزبېك مىللىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزبېك دەپ تىزىملىتىسىلەر، بولمىسا سىلەرنى خىتاينىڭ جاسۇسى، ياپون جاسۇسى دېگەن جىنايەت ئارتىمىز دەپ قورقۇتقان، شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قورقۇپ ئۆز مىللىتىنى ئۆزگەرتكەن، ئەنجاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، تېخنىكومى ۋە تىياتىرى بار ئىدى. 1937-يىلىدىن كېيىن بۇلار تاقالغان. ھەتتا قازاقىستاندىمۇ تۇتقۇن قىلىش بولۇپ، ئۇيغۇر مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلىرى تاقىلىپ، مەكتەپلەر 1947-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى» دەيدۇ.
«گۇلاگ» 1937-1938-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بولغان
ستالىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» نامى ئاستىدىكى چوڭ سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكىتى پەقەت سوۋېت تېررىتورىيەسىدىلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق، بۇ خىل تازىلاش 1937-1938-يىللىرى ستالىننىڭ يۆلىشى ئاستىدىكى خىتاي مىلىتارستى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شېڭ شىسەي، 1937-يىلى، مەخمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇنىيازبەگنىڭ باشچىلىقىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سوراپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىنلا شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ئېلىپ باردى. ئەنە شۇ قېتىملىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن ۋە جازالاشتا زور ساندىكى ئادەملەر تۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى تۈرمىلەر ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللا، مەمتىلى تەۋپىق ۋەكىللىكىدىكى مىڭلىغان مىللىي، دىنى، جەمئىيەت ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلدى. شېڭ شىسەي دەۋرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك دەۋر بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرمىسىگە كىرمىگەن زىيالىي قالمىدى. تارىخچىلار شېڭ شىسەي تۈرمە ۋە جازالاشلىرى ئاستىدا 100 مىڭغىچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئەنە شۇ شېڭ شىسەينىڭ فاشىستىك سىياسىتى، خەلقنىڭ قارشىلىق قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، نەتىجىدە، 1944-1949-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى.
«گۇلاگ» نى سىمۋول قىلغان سىياسىي تەقىبلەش ۋە جازالاشلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن سوۋېت رەھبەرلىرى 1953-يىلى ستالىننىڭ ئۆلۈشىدىن كېيىنلا «گۇلاگ» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا سولانغان كىشىلەرنى ئازاد قىلدى. 1956-يىلى سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشېۋ ستالىننى قارىلىغاندا، «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» ۋە «گۇلاگ» نى ئوخشاشلا سىتالىننىڭ جىنايى قىلمىشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، گۇلاگدىكى ئادەملەرنى ۋە ئىلگىرى جازالانغانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا كىرىشتى. زور ساندىكى ئادەملەر گۇلاگلاردىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى گۇلاگ، يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى 1930-يىلى ستالىننىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بويىچە قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى تاقالغىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر گۇلاگ لاگېرلىرىغا 15 مىليون ئادەم سولانغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھېسابلاپ چىقىلغان. گۇلاگ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جازا لاگېرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان، ئۆزى شۇ گۇلاگدا تۇرغان رۇس يازغۇچىلىرىدىن سولزھېنىتسىن دۇنياغا گۇلاگنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ تەسىرلىك ئېچىپ بەرگەن شەخس ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كۆپ يىللار گۇلاگ تىپىدىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» يولغا قويۇلغان ئىدى.
سوۋېت ۋە خىتاي گۇلاگىنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە پەرقلىرى
2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، يەنى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئاتىشىدىكى «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگقا» سولاش ھەرىكىتى باشلاندى. ئامېرىكىلىق سىياسىي ئانالىزچى جەي نوردلىنگەر ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەتلىك باھا» دەپ ئاتالغان مەجمۇئەدە بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ لاگېرلارنى ستالىننىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان «گۇلاگ» غا ئوخشىتىپ، ئۇنى «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگ» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئاۋسترالىيەلىك سىياسەتشۇناس دوكتور مايكىل كلاركمۇ بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدە ئۇنى گۇلاگقا ئوخشاتقان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىدا 20 نەچچە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 15 مىليون ئادەم «گۇلاگ» لاگېرلىرىغا سولانغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدا پەقەت بىر يىل ئىچىدىلا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان «يېڭى گۇلاققا» سولانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.
خۇددى مەزكۇر غەربلىك سىياسەشۇناسلارغا ئوخشاش قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە سىياسەتشۇناسى قەھرىمان غوجامبەردىمۇ سوۋېت تۈزۈمىدىكى سىياسىي تەقىبلەش ۋە گۇلاگلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل تەقىبلەش، تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا سولاشنىڭ كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «ھەر ئىككىلىسىنىڭ قانۇنسىزلىقى، ھېچقاچان سوت ئاچماي، كىشىلەرگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بەرمەيلا تۇتۇپ ئاپىرىپ، ھەتتا قاچان چىقىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقى ئېنىقسىز ھالدا سولىۋېلىتىلىدىغانلىقى ئوخشاشلىققا ئىگە، ئەمما، پەرقلىق يەنە بىر تەرىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ئاتالمىش لاگېرلار مەخسۇس ئۇيغۇرلار، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى نىشان قىلغان» دەيدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ كەڭ كۆلەملىك سىياسىي تەقىبلەشلەرنىڭ نىشانى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلەر»، «ئىككىيۈزلىمىچىلەر»، «دىنى ئاشقۇنلار»، «ھىجابلانغانلار»، مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بارلار، «چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلار» ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنى بىر تەرەپتىن قاتتىق جازالاش ۋە يەنە بىر تەرەپتىن كاللىسىنى يۇيۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەلىكى» ئىدىيەسىگە ئىگە يېڭى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مۇنداق دەيدۇ؛«ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ستالىن گۇلاگىدىن ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق يەنە بىر قىسىم تەرىپى شۇكى، ھەر ئىككىلا لاگېرلاردىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ۋە ھەر ئىككىلا لاگېرلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن، سىم توساقلىق ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇلغان ۋە قوراللىق ساقچىلار نازارەت قىلىدۇ. پەرقلىق تەرىپى، خىتاي 21-ئەسىردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىلغار كۆزىتىش، نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرى قوللانغان. لاگېردىكى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىلغار تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئېلىپ بارغان».
ستالىن ۋە شېڭ شىسەي خاتىرىسى
تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، قىزىق يېرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاشتىن ئىبارەت جازالاش ھەرىكىتى دەل ستالىننىڭ 1937-يىلى ئومۇميۈزلۈك چوڭ سىياسىي تازىلىشى، يەنى «چوڭ تېررورلۇقى»، ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنى قىرىپ، «جاللات» دەپ نام ئالغان شېڭ شىسەينىڭ 1937-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالىشى باشلانغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى توشقان 2017-يىلى باشلانغان. بۇ تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىمۇ ياكى تارىختىكى تەسساددىپىيلىقمۇ؟
بۇ بەلكى ھەر خىل جاۋابلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن!
0:00 / 0:00