1949-يىلى ۋە 2020-يىلىنىڭ يېڭى يىلى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلدى؟

1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىق يېڭى يىلىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھاياتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى 2020-يىلىنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت، خوشاللىق، ئامەت، سالامەتلىك ۋە نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى تىلەپ، ساليوتلار ئېتىپ، ناخشىلار ئېيتىپ، خوشال-خوراملىق كەيپىيات ئىچىدە كونا يىلنى ئۇزۇپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالغان بولسا، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا، تۈرمىلەردە، ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسى، دوست-يارەنلىرىدىن ئايرىپ تاشلىۋېتىلگەن ھالدا ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈمىد ئىچىدىكى توقۇنۇشتا 2019-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2020-يىلىنى كۈتۈۋالدى. ئەمما، يېڭى يىلنى ئەركىن خوشال-خورام قارشى ئالغانلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارلا بولۇپ، ئەنە شۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى بىر «ھايات مېھمانخانا» سىنىڭ زالىدا 2019-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2020-يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى تارىخىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق، ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان ھالدا ئۆتكۈزدى.


مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي، 2019-يىلىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنى روھى جەھەتتىن بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ روھى جەھەتتىن بويسۇنمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنىڭ ھەرگىزمۇ چۈشمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20 يىللىق يېڭى يىل پائالىيىتى جەريانىدا ھېچقاچان مۇنداق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بىر يەرگە جەم بولمىغان بولۇپ، بۇ قېتىم 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىرلىكتە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى يېڭى 1949-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 1950-يىلىنى قارشى ئېلىشنى ئۇيغۇرلار دىيارىنى تولۇق ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ 5 يىل مۇستەقىل مەۋجۇت بولغان مىللىي ھاكىمىيەتنى ۋە ئۇنىڭ بايرىقى، ئارمىيەسى، دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەنىدى. ئەنە شۇ 1949-يىلى ۋە 1950-يىللاردىن باشلاپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ كۆچۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغان ئەشۇ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىمۇ 1949-يىلىدىن كېيىن ئىزچىل داۋاملاشقان كۆچۈشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىپ ماكانلىشىپ قالغان 91 ياشلىق تاتار زىيالىيسى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «مەن، 1947-1949-يىللىرى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجا شەھىرىدە يېڭى يىللارنى كۈتۈۋالغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممە كىشى خوشال-خورام، شاتلىق ئىچىدە يېڭى يىلنى قارشى ئالاتتى، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى يېڭى يىللاردا پاكىز ھەربىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كوچىلاردىن ئۆتەتتى، ھەممە يەرلەرگە ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلاتتى، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلەتتى» دەپ ئەسلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1949-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 1950-يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ماتەملىك بولدى. چۈنكى، خەلق ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلىرىنىڭ سىرلىق ئايروپىلان قازاسى بىلەن قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن، ھەممە يەرنى ھەسرەت قاپلىغان، قايتىدىن خىتاي ئارمىيەسى ئىلىغا كىرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن، بەش يىل ئاسقان دۆلەت بايراقلىرى ئېلىپ تاشلانغانىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى غۇلجىدىن كۆپ ساندىكى ئەربابلارنى، زىيالىيلارنى ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە يۆتكىدۇق دەپ ئېلىپ كەتكەن ۋە مىللىي ئارمىيەنى ئۆزگەرتكەنىدى.

«خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلەپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن 1949-يىلى ئۇزۇتۇپ، 1950-يىلى كۈتۈۋېلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەرت-ئەلەمنىڭ باشلىنىشى بولدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلغان كۈنىدىن تارتىپ ھەممە دەرت-ئەلەملەر كەلدى» دەيدۇ سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جەڭچىسى، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوف. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى خەلق 1949-يىلى، 11-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز قايغۇغا چۆمدى، ئارقىدىنلا 1950-يىلى، 4-ئايدا ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلدى. خەلق يەنە قاتتىق قايغۇغا چۆمدى. خىتاي كومپارتىيەسى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپ كىرگەن بولۇپ، بىز سىلەرگە ياردەم بېرىمىز ۋە كېتىمىز دەگەن ئىدى. ھەتتا دەسلەپتە ھەممە يەرگە ئەخمەتجاننىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ ئاستى. ئەمما، كېيىن ھەممىنى بىكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جايدا تۈرلۈك تازىلاش، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ كەتتى، «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى» «ئەكسىل ئىنقىلابچىلارغا زەربە بېرىش»، «پانتۈركىست-پانىسلامىستلارغا زەربە بېرىش»، «يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ۋە باشقا ھەر خىل كۈرەش دولقۇنلىرىنىڭ زەربىسى ھېچقاچان ئۈزۈلمىدى. مانا ئەمدى بولسا، يېڭىدىن لاگېرلارغا سولاپ ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش دېگەن يېڭى ۋە ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىشنى ئېلىپ باردى.

1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، مەزكۇر ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ 1945-يىلىنى زور غەلىبىلەر بىلەن قارشى ئالغانىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئازاد بولغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى خەلقلەر ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى ئېتىقادى ۋە سىياسىي-ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇدا 5 يىل ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشىدى. يېڭى يىل، قۇربان ھېيت، روزا ھېيتى، نويابىر ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئارمىيە بايرىمى كۈنلىرىدىكى پائالىيەتلەردە ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر دائىم سۆز قىلىپ، خەلقنى ئازادلىق كۈرىشىگە ۋە ھۆرلۈككە چاقىراتتى. ئۇلارنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرىنى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئەخمەتجان قاسىمى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا سۆزلەيتتى ۋە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ماقالىلار ۋە سۆز-نۇتۇقلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «بىراق، ئازاد ئۈچ ۋىلايەت خەلقى 1948-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 1949-يىلىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىلەر بىلەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق، ئەپسۇس 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى، خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى، مانا ئەمدى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بىر ھالغا كېلىپ قالدى، مىليونلىغان كىشىلەر لاگېرلارغا سولاندى. زىيالىيلار تەقىبلەندى» دەيدۇ.

مۇنىر يېرزىننىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلەپ 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى «ئازاد قىلدۇق»، «جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختلىك ھاياتقا ئېرىشتۈردۇق» دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىدىن مىليونلىغان كىشىلەرنى يىغىۋەلىش لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۇلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش، مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى سۇلاشتۇرۇش، مېڭىسىنى يۇيۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى مائارىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشتىن چەكلەش بىلەن خۇلاسىلىدى.

2019-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2020-يىلىنى قارشى ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ 70-يېڭى يىلىنى ئۆزلىرى دېگەندەك زور غەلىبىلەر بىلەن قارشى ئالغان بولسا، ئوخشاشلا، زور ئىچكى-تاشقى خەلق نارازىلىقلىرى، خەلقئارالىق بېسىملار، رىقابەتلەر، ئەيىبلەشلەر ھەم تەنقىدلەش بىلەن كۈتۈۋالدى. خىتاي دۇچ كەلگەن بۇ قارشىلىق ۋە ئەيىبلەش ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن خوڭكوڭ، تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن خوڭكوڭغا ئائىت تەنقىدلىرى، مەخسۇس قانۇن لايىھەسى ۋە قارار، ماقۇللىشىدەك مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆز تارىخىدا ھېچقاچان ئۇچراپ باقمىغان دەرىجىدىكى قاتتىق خەلقئارالىق بېسىم ۋە زەربىگە ئۇچرىغانىدى.

خىتاي ئوخشاشلا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى، دۇنيا يۈزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە دۇچ كەلدى. خىتاي يەنە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ۋە خەلقارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ، ھەتتا دۇنياغا مەشھۇر تەنھەرىكەت چولپانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش دولقۇنلىرىغا ئۇچرىدى. قىسقىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن كۈنلەردە دۇنيادا كەڭ تونۇلۇش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.