ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئومۇمىي تۈرك تارىخ تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئۇمۇمىي تۈرك تارىخ تەتقىقاتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ 1990 - يىللاردىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۈنىۋېرسىتېىتلەردا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار يېزىلدى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قەلەمگە ئالغان كىتابلار نەشىر قىلىندى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. مۇھاممەد بىلال چەلىك يازغان «يەركەن خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى»ناملىق ئەسەر ئىككى ئاي بۇرۇن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يەركەن خانلىقى ئۇيغۇر كۈلتۈر تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە خانلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خاقانىيە دۆلىتىدىن كېيىن اجىزلاشىشقا باشلىغان ئۇيغۇر كۈلتۈرى يەركەن خانلىقى مەزگىلىدە قايتا جانلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۈزىكىسى بۇ دەۋىردە ناھايىتى گۈللەپ ياشنىغان بولۇپ، ئۇ دەۋىردە يەركەن مۇزىكا ئۆگىنىش مەركىزىگە ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلغان 12 مۇقامى مۇشۇ دەۋىردە مەيدانغا چىققان ۋە توپلانغان. سۇلتان ئابدۇرىشىت خان، قىدىرخان ياركەندى ۋە ئاماننىساخان ئەينى دەۋرنىڭ مۇھىم شەخىسلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن يەركەن خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەمئىيەت، كۈلتۈر ۋە سىياسەت قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
تۈركىيە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەد بىلال چەلىك ئەپەندى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «يەركەن خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەر بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم.
مەزكۇر كىتاب 4 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1 - قىسىمدا يەركەن خانلىقىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئارقا كۆرۈنىشى يانى خانلىق قۇرۇلغان جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا يەركەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان ۋە قۇمۇلغا ئوخشاش مۇھىم شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلىرى، تارىخىي ۋە سىياسىي ئورنى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. «يەركەن خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 2 - قىسمىدا بولسا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىرى، چاغاتاي ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقلىرىنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ قانداق يېمىرىلگەنلىكى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ 3 - قىسمىدا يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يۈكسىلىش تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەيىتخان ۋە ئۇنىڭ ئىز باسارلىرىدىن سۇلتان ئابدۇرىشىت خان، ئابدۇلكەرىم خان، مۇھەممەت خاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋىرلەرنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان.
تۈركىيىدە يېقىندا نەشىر قىلىنغان «يەركەن خانلىقىنىڭ سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 4 - قىسمىدا يەركەن خانلىقىنىڭ يمىرىلىش تارىخى ۋە بۇنىڭدا رول ئوينىغان ئەخمەتخان، ئابدۇللىتىپ خان، سۇلتان ئەخمەت خان، يولۋاسخان، ئىسمائىل خان ئاڭلىتىلغان. كىتابنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد بىلال چەلىك ئەپەندى يەركەن خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدا رول ئوينىغان سىياسى شەخسلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت يەركەن خانلىقىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان موللىلار توغرىسىدىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
0:00 / 0:00