1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىشنىڭ تارىخى سىرلىرى (1)

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخى تەتقىقات لايىھەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن 1957-1958-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان«يەرلىك مىللەتچىلىك»كە زەربە بېرىشكە ئائىت كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ جەريانى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ جازالىنىشى، شۇنىڭدەك مەزكۇر ھەرىكەتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپنىڭ تۈپ نىشانى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ كۆزلىگەن سىياسىي مەقسىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەنگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئورۇن ئالغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس داۋىد بروفى ئەپەندى مەزكۇر ھۆججەتلەرنى رۇسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە مەزكۇر ھۆججەتلەر ئاساسىدا ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى تورىدا خىتاينىڭ 1957-1958-يىلىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىغا قاراتقان يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «كېڭەيتىلگەن ئومۇمى يىغىنى» ھەققىدە بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلغان.

داۋىد بروفى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتكىنىدەك ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى مەخسۇس خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىك»كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت 9 پارچە ھۆججەتنىڭ ئىنگلىزچە ۋ رۇسچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى دوباشىننىڭ ۋاڭ ئېنماۋ، لۈ جەنرېن، سەيپىدىن ئەزىز ۋە باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەن «يەرلىك مىللەتچىلىك»كە قارشى يىغىن ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى ۋە دوكلاتىدىن ئىبارەتتۇر. دوباشىن 1944-1948-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى بولۇپ تۇرغاندا ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان ئىنقىلابنىڭ پۈتۈن جەريانلىرى بىلەن تونۇش شەخس ئىدى. ئۇ 1957-1959-يىللىرى ئارىسىدا قايتىدىن ئۈرۈمچىدە باش كونسۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى.

تارىخى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1957-يىلى، 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن تاكى 1958-يىلى 4-ئايغىچە تەخمىنەن 5 ئاي داۋاملاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىك»»كە قارشى تۇرۇش بويىچە كېڭەيتىلگەن ئومۇمى يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچى» نامىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، رەھبىرى كادىرلىرىغا زەربە بېرىش خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكەت ھېسابلانغان.

تۈركىيەدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، رەھبىرى كادىرلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئومۇمىيۈزلۈك زەربە بېرىشنى 1957-يىلى باشلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈچىنىڭ ئېشىشى، مىللى ئارمىيە قاتارلىقلارنى يوقىتىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشىدىن كېيىن بولدى.

1954-1958-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامامەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1958-يىلىدىكى يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا زىيا سەمەدى ، ئىبرايىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ يېزىلغان دوكلاتلار «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ۋە ئىدارىلەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە يىغىنلار ئېچىلىپ، ئۇلار ئومۇمىييۈزلۈك تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى ئاشكارىلىغان «رۇسىيە دۆلەتلىك ھازىرقى زامان تارىخى ئارخىپخانىسى» دا ساقلىنىۋاتقان خىتاينىڭ 1957-1958-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىك»كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت بۇ بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ماكارتۇر فوندى تەمىنلىگەن. بۇ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا جەمىيەتكە ئاشكارىلىنىشىدۇر. (داۋامى بار)