تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» تارقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.06
yusup-xas-hajip-medali-yighin-zali.jpg تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» نى تارقىتىش يىغىن زالى. 2017-يىلى 5-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» 5-ئىيۇل كۈنى مۇراسىم بىلەن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدارە-جەمئىيەتلەر، تىلشۇناسلار، تارىخچىلار ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

5-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى دۈسەن كۈسەنوۋ، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابزال ساپاربەكقۇلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتاتۈرك تىل ۋە تارىخ، مەدەنىيەت ئالىي ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور دەريا ئۆرس ئەپەندى، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى، چاغاتاي تىلى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا قاچالىن ئەپەندى، تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور رەفىك تۇران ئەپەندى ۋە بەزى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان تونۇلغان تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇنغا، ئۇيغۇرشۇناس ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەر خانىمغا، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور يۇنۇس قوچ ئەپەندىگە ئوخشاش 20 ئەتراپىدا شەخس ۋە ئىدارە جەمئىيەتكە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» بېرىلدى.

مېدال ئالغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىچىدە تۈركىيەنىڭ 107 يىللىق تارىخقا ئىگە، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبە تەشكىلاتى بار بولغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىمۇ بار ئىدى. مەزكۇر ئاممىۋى تەشكىلات ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرىدۇر.

ئۇنداقتا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» قاچان نېمە ئۈچۈن تەسىس قىلىندى؟ بۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەردىن كىملەرنىڭ نامىدا مۇكاپاتلار بار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسى مۇئاۋىن مۇدىرى سانجار مۇلازىموغلۇ ئەپەندى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سانجار مۇلازىموغلۇ ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئۆز ئىدارىسىنىڭ قارارى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2016-يىلىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى» نىڭمۇ ئۆتكەن يىلى تەسىس قىلىنىپ بۇ يىلدىن تارتىپ تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسى، يەنى ‹تۈركسوي›، تۈرك دۇنياسىدا تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تۇغۇلغان يىللىرىنى خاتىرىلىمەكتە. ئۆتكەن يىلى بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى بولغاچقا 2016-يىلىنى تۈرك دۇنياسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ بېكىتكەن ئىدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدارە جەمئىيەت ۋە ئىلىم ئادەملىرىگە ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى› بەردۇق. بۇنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

سانجار مۇلازىموغلۇ ئەپەندى تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئىدارىسىنىڭ ھازىرغىچە بىرقانچە مەشھۇر شەخس نامىدا بۇنداق مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇكاپاتنى بىرىنچى بولۇپ داڭلىق تارىخچى زېكى ۋەلىدى توغاننىڭ نامى بىلەن باشلىغان ئىدۇق. بۇ مېدالنى ھازىرغىچە 6 تارىخچىغا بەردۇق. قازاقىستانلىق مۇقان جەلىبايېۋ، خاكاسىيەلىك تۈركولوگ كاتانوۋقا ئوخشاش مۇھىم شەخسلەر نامىدا مۇكاپاتلار تەسىس قىلىپ تارقاتتۇق.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە باشلىق كۆپ ساندا دۆلەتتە بۇ ھەقتە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەروغلۇ مۇنۇلارنى دېدى: «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر قاتنىشالايدىغان بىر مۇسابىقە. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ھازىرغىچە 4 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. بىرىنچىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئاسۇمان گۈزەلچە ناملىق يازغۇچىنىڭ ‹جىمجىت كۆچۈش› ناملىق ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ھېكايىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى بايان قىلىنغان ئىدى».

تارىختا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇنداق شەخسلەر، جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى پايتەخت قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە، يەنى 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئىككى بۈيۈك نامايەندە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەخمۇت قەشقەرىي قاتارلىقلارنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، قەدىمدە ئۆتكەن داڭلىق شەخسلەر نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەخمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر ئالىملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىملىرى سۈپىتىدە پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئىككى زاتنىڭ قەبرىسى قەشقەر دىيارىغا جايلاشقان. ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تۈرك، رۇس ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرى بۇ ئىككى زاتنىڭ كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ياراتقان «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى شۇنىڭدەك بۇ ئىككى ئالىمنى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ھېسابلايدۇ.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە مەزكۇر ئىككى مەدەنىيەت نامايەندىسىدىن باشقا يەنە ھازىرقى زامانغا مەنسۇپ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىدىن زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللاغا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەر خاتىرىلەندى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىمۇ ئېچىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.