«تارىخ ۋە بۈگۈن» - 20 - نويابىر

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 20-نويابىردىكى سانىدا ئالدى بىلەن 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى ھەققىدىكى قېلىپلاشقان كۆز قاراشلار تونۇشتۇرىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدا يەنە 1860-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى مىللىي قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئاتاقلىق يازغۇچى، سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى رازۋېتكا بۆلۈم باشلىقى، پولكوۋنىك زىيا سەمەدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سىياسىي ھاياتى ھەققىدە ئۇنىڭ ئوغلى ، جوئۇرنالىست رىزا سەمەدىنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.

1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدىكى قاراشلار

(ئۈمىدۋار)

مەلۇمكى، 1944-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللى ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدا ئاساسىي ئىككى سەۋەب مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي زىددىيەت بولسا، يەنە بىرى تاشقىي سەۋەب يەنى خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ جۈملىدىن سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگۈرىشىدۇر.

لېكىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىيەتنى ئەسلەپ، 1944-يىللىرىدا خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىشى شۇنىڭدەك ئىنقىلابنىڭ تېز غەلبىسىئېرى ئىلگىرىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئىچكىي ئامىل بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي قارشىلىق ئەڭ يۇقىرىغا پەللىگە يەتكەن. خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە غەزىپى قايناپ تاشقان بولۇپ، پەقەت ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن دەيدىغان چۈشەنچە شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ قارىشىچە، 1944-يىلىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە 1933-يىلىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ داۋامى، بۇ قانداقتۇر بىر ئاددىي زىددىيەتنىڭ نەتىجىسى بولماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىققا بولغان تەشنالىقى ھەمدە شۇ خىل كۈرەش ئەنئەنىسىنىڭ قايتىدىن پارتلىشىدىن ئىبارەت.

مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنىڭ پاجىئەلىك تارىخىدىن

(ئويغان)

بۇنىڭدىن 140 يىل مۇقەددەم، يەنى 1871-يىلى چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىلىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان جاھانگىرلىك سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇت بۇخارا، خىۋە، قوقەنت، قازاق خانلىقلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى، بايلىقلىرىنى، ئەڭ ئاساسلىقى، ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى، ئاخىرقى نۆۋەتتە ئىلى تەۋەسىدە مىڭلىغان خەلقنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن مۇستەقىل ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى يوقىتىشقا ئوخشاش ئەشەددىي پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سۇلتانلىق ئەسكەرلىرى باشتا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ياخشى قوراللانغان باسقۇنچىلارغا تەڭ كېلەلمەي، ئاقىۋەتتە تولۇق تەسلىم بولغان ئىدى. ئىلى سۇلتانى ئەلاخان سۇلتان ئۆز خەلقىنى قىرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چارپادىشاھقا تەسلىم بولۇپ، رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدە ئەسىرلىكتە ياشاش يولىنى تاللىۋالدى.

ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ يوقىلىشى، چاررۇسىيىنىڭ ئىلىنى بېسىۋېلىش جەريانى ھەققىدە مەزكۇر دەۋر توغرىسىدا كۆپ تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان، ئاتاقلىق يازغۇچى، 87 ياشلىق مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى تەپسىلىي توختالدى.


زىيا سەمەدى ئىجادىيىتى ھەققىدە رىزا سەمەدى بىلەن سۆھبەت

(ئۈمىدۋار)

مەرھۇم زىيا سەمەدى 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىغا ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويغان يازغۇچى. زىيا سەمەدى 8 يىللىق ھاياتىنى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى -كېيىن ساقچى باشلىقى ۋە مىللىي ئارمىيە رازۋېتكا بۆلۈم باشلىقىلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمەدى ئەپەندى دادىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، زىيا سەمەدى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆز خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئاخىرغىچە تىركەشكەنلىكى ئۈچۈن 1958-يىلى يەرلىك مىللەتچى قالپىقى كىيگەن ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى ئەمگەك لاگېرىغا ھەيدەلگەن. ئۇ 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئۇ يەردە قازاقىستان يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە «قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان.

زىيا سەمەدى پۈتۈن ئىجادىي ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 18-19-20-ئەسىردىكى مىللىي مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە بېغىشلىغان بولۇپ، مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسى ۋە تارىخىنى يورۇتۇش زىيا سەمەدىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت نىشانى ۋە مەقسىتى بولغان ئىدى.

ئۇ، ئىلگىرى-كېيىن، «ئىپارخان» درامىسى،«مايىمخان» ، «يىللار سىرى»، «غەنى باتۇر»، «ئەخمەت ئەپەندى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ 18-19-ۋە 20-ئەسىر كۈرەش تارىخىنى يورۇتىدىغان تارىخىي رومانلارنى نەشىر قىلدۇرغان.

زىيا سەمەدى ئەسەرلىرى رۇس، خىتاي، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، ئىنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «مايىمخان» ناملىق تارىخىي رومانى 1960-يىللاردا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شۇنىڭدەك بۇ ئەسەر ئاساسىدا «ئەجدىھا يىلى» ناملىق ھېكايە فىلىم ئىشلەنگەن ئىدى.

زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىر ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى ئازادلىق كۈرەش تارىخىغا بېغىشلاپ ئوخشاشلا شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلاردۇر. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مەقسىتى بىردەك بولسىمۇ، ئەمما بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىلىرى ۋە ياشىغان دۆلەت شارائىتى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يورۇتقان ئورتاق تېمىسى ئوخشىمىغان ئىدېئولگىيىلىك بېسىم شارائىتىغا دۇچ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللان’غان زىيا سەمەدى «يىللار سىرى» نى يازغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللاردىكى قىلمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق، ئۇ 1930-يىللاردىكى مىللىي ھەرىكەتنى مۇستەقىللىق، ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، «ئويغانغان زېمىن»دە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساتقىنلىقىنى دادىل يورۇتالىسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى بەلگىلەپ بەرگەن پرىنسىپتىن چىقىپ كېتەلمەي، خوجا نىياز ھاجىم باشلىغان بۇ ھەرىكەتنى«دېھقانلار قوزغىلىڭى» دېيىشكە مەجبۇر بولدى.

زىيا سەمەدىنىڭ < ئەخمەت ئەپەندى> رومانى بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئىككى يازغۇچى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلابتىكى رولى ۋە ساتقۇنلىقىنى دادىل يورۇتالىدى، ئەمما زوردۇن سابىر كوممۇنىستىك خىتايدا، زىيا سەمەدى ئەركىن ، مۇستەقىل قازاقىستاندا ئۆز ئەسەرلىرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دۇچ كەلگەن ئىجادىيەت پرىنسىپلىرى ۋە ئىدېئولوگىيىلىك رامكىلاردا پەرقلەر يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەندى.

زوردۇن سابىر ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئەركىن پىكىر قىلالمايتتى، ئەمما زىيا سەمەدى بولسا، بۇ ھەقتە ئەركىن يېزىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى «ئىككى قىزىل ئىمپېرىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا باغلىق» دەپ خۇلاسە چىقارىلىدى. زوردۇن سابىر بولسا، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى» دېگەن باھا ۋە ئەندىزە ئاساسىدا يورۇتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ رامكىدىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىمۇ دەل ئۇنىڭ بۇ رامكىنى ئاشكارا بۇزۇۋەتمىگەنلىكىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە زوردۇن سابىر ئەخمەت ئەپەندى قاتارلىقلارغا ھەمدە مىللىي ئىنقىلابقا بۇ ئەندىزىدىن سىرت باھا بېرىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ روماندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە ئىدىيىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە چۇشۇنىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن «ئانا يۇرت» ئوخشاشلا سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلىدى. زىيا سەمەدى بولسا، بۇ ئىنقىلابقا«مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابى» دەپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزى تەۋە بولغان ئىدىيە ھەم تارىخىي شارائىت ئاساسىدا دادىل باھا بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھەققىدىكى بەلگىلەپ بەرىلگەن رامكا كۈچ كۆرسىتەلمىدى. بۇنداق دادىل ئىدىيە ۋە ئاپتورنىڭ ئەسلىدىن خىتاينىڭ كونا رەقىبى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن «ئەخمەت ئەپەندى» رومانى ئۇيغۇر ئېلىدە نەشىر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگە تاپشۇرۇلۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.