زۇلفىيە كەرىموۋا: موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق كلاسسىكلىرىمىزنىڭ تۈپ ئىدىيەسى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدۇر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىمەلەر قاتارىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى، دوكتور زۇلفىيە كەرىموۋا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مەخسۇس موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق 19-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە كلاسسىكلىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرى ئۈستىدە 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقان تارىخشۇناستۇر. زۇلفىيە كەرىموۋا يېقىندا ئەنگلىيە ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى، ئەنئەنىسى ۋە تارىخى بويىچە بىرلەشمە تەتقىقاتنى روياپقا چىقارغاندىن باشقا ئىلگىرى –كېيىن 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، بىر قانچە پارچە كىتابلىرىنى رۇس، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تىللاردا نەشر قىلدۇرغان. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرىگە ئائىت 12 ئىلمىي تەتقىقات لايىھەسىگە قاتنىشىپ ئۇنى ئورۇندىغان.

1976-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيەسىدە دۇنياغا كېلىپ، پۈتۈن مائارىپ تەربىيەسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئالغان زۇلفىيە كەرىموۋا ئالمۇتادىكى ئاباي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 2000-يىللارنىڭ بېشىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، تەتقىقات ئىشىنى شۇ يەردىن باشلىغانىدى.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر