يەكشەنبە، يەنى 24-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىك تىياتىرىنىڭ زالىدا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي ئەربابلىرىدىن بىرى، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى زۇنۇن تېيىپوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر مۇراسىم زالىغا زۇنۇن تېيىپوفنىڭ گېنېراللىق ھەربىي فورمىسى كىيگەن چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئاساسلىقى ياشلار، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، زىيالىيلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.
مۇراسىمدا ياشلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ زۇنۇن تېيىپوفنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ھەربىي ھاياتىغا ئائىت دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. مۇراسىمدا ئۇيغۇر تارىخچىلاردىن بىرى، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات بېرىپ، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابتا ۋە مىللىي ئارمىيىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات قىسمەتلىرى شۇنىڭدەك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان زۇنۇن تېيىپوف تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، زىيالىيلار تەرىپىدىن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.
زۇنۇن تېيىپوف 1917-يىلى، قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1930-يىللاردا غۇلجىغا كېلىپ ماكانلاشقان ۋە 1944-يىلى «ئازادلىق تەشكىلاتى» ۋە غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، 1945-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان ھەمدە شىخۇ ۋە تارباغاتاي ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان.
زۇنۇن تېيىپوف، 1949-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. ئۇ، 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ئالمۇتادا ياشاپ، كېيىن شۇ يەردە ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا 1955-يىلى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن.