3 چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.08.05
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياۋروپادىكى تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ھەسەنە» تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەھبەرلىرى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ناملىق يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى. مەزكۇر 3 چوڭ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىپ چاقىرىپ تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

د ئۇ ق، مەزكۇر 3 چوڭ تەشكىلاتنىڭ ساھىبخانىلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇئاۋىن رەئىسى، يىغىننىڭ تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلار، يىغىننىڭ تەييارلىق كومىتېتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنى ئېچىشتىكى مەقسەتنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم بېلگىيەدە چاقىرىلىدىغان ‹خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى› يىغىنى زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ناھايىتى مۇھىم يىغىن. مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلار، ئادۋوكاتلار، قانۇنشۇناسلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلماقچى. يىغىندا، بۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلىق، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى›نى توختىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ چىقماقچى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، ھەر قايسى تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارادا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىماقچى. قىسقىسى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتىكى ئورتاق بىر نىشان بەلگىلەپ چىقىلماقچى».

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى تارىخىدا ئېچىلىدىغان تۇنجى چوڭ خەلقئارالىق يىغىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.