ياپونىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.04
5-fewral-yaponiye-namayish-1

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 2-فېۋرال، توكيو. RFA/Erkin Tarim

5-fewral-yaponiye-namayish-2

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 2-فېۋرال، توكيو. RFA/Erkin Tarim

5-fewral-yaponiye-namayish-3

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 2-فېۋرال، توكيو. RFA/Erkin Tarim

5-fewral-yaponiye-namayish-4

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 2-فېۋرال، توكيو. RFA/Erkin Tarim

5-fewral-yaponiye-namayish-5

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 2-فېۋرال، توكيو. RFA/Erkin Tarim

2-فېۋرال، يەنى يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

2-فېۋرالدا توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان شىنجۇكۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ تەسىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە زور بولغان.

شۇ كۈنى شىنجۇكۇ رايونىدىكى مىڭلىغان ياپونلار ۋە ساياھەتچى چەت ئەللىكلەر خىتايغا قارشى بۇ نامايىشنى نەق مەيداندا كۆرگەن، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئالغان، نامايىشچىلارنى سۈرەتكە تارتقان ۋە ۋىدىيوغا ئالغان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، نامايىشچىلارنىڭ سوغۇق ھاۋاغا قارىماستىن جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ كىشىلەرنىڭ زور دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بايان قىلدى ئۇ، مۇنداق دېدى: «نامايىشتا جاراڭلىق ئاۋازدا ‹خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممەڭگە ئال›، ‹بىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز›، ‹خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات›، ‹خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختات›، ‹شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان› ۋە ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى. بۇلاردىن سىرت ‹تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمە›، ‹ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئەركىنلىك› دېگەندەك شوئارلارمۇ توۋلاندى.»

نامايىش توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات تىجارەت ۋە ساياھەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىشنى كۆرگەن نۇرغۇن ساياھەتچى دەرھال تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە ۋە ۋىدىيوغا تارتىشتى. شىنجۇكۇ بېكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە كۆپ ساندا ساياھەتچى كۆردۇق. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ساياھەتچىلەر ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ نامايىشىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ھالدا سۈرەتكە تارتىشتى. ياپونىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ‹NHK› مۇخبىرلىرى نامايىش توغرىسىدا بىزنى زىيارەت قىلدى.»

ئىگىلىشىمىزچە غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىلى 28 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ 28 يىل جەريانىدا خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىتقا تالىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ سورىقى ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنداق جازالاشلارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاينىڭ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراش ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن بۇ نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بولسۇن غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا بولغان دىققەت-نەزىرى ۋە ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش قىزغىنلىقى ھەم نارازىلىق بىلدۈرۈش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كېتىۋاتقان بىر رېئاللىق مەۋجۇت. بۇ دەل خىتاي ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئەھۋال. يەنە بىرى خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا بىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىش، نۆۋەتتە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى قىلدۇق.»

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بويىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.