«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا شاھىتلار نېمە دەيدۇ( 3)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىنچىلىققا ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېتنىك توقۇنۇشتەك تۈس بېرىشكە كىرىشكەن. لېكىن قرغىنچىلىقنىڭ 3-كۈنى، يەنى 7-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئېرى، دادىسى ياكى ئەركەك قېرىنداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان نامايىشى، دۇنيانى زىل-زىلىغا سېلىپ، خەلقئارانىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىدا زور بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان.

شۇ نامايىشتا «كۆك مايكىلىق» قىز ۋە تۇرسۇنگۈلدەك پىداكار، جەسۇر ئاياللار ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ نامايىشتا خەلقئارا تاراتقۇلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىكى سىمۋۇللۇق رەسىملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان يەنە بىرى، قولىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان ئايالنىڭ رەسىمى بولۇپ قالغان. بىز «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ شاھىتلىرىدىن ھېبىبۇللا ئىزچىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا «بالا كۆتۈرگەن ئايال» ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىكى سۆھبىتىمىزنىڭ 3-قىسمىدا بولسۇن.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.