مۇز ئارىسىدىن جەسىتى تېپىلغان 5 ياشلىق بالىنىڭ ئانىسى غۇلجادىكى تۈرمىدە، دادىسىنىڭ لوپتىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

16-دېكابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنىڭ مۇز ئارىسىدىن چىقىرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بىر سىن كۆرۈنۈش تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر پاجىئەنىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزا قارقىي كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ غۇلجادىكى بىر تۈرمىدە، دادىسىنىڭ بولسا لوپتىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

16-دېكابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىر كىچىك بالىنى مۇز ئارىسىدىن چىقىرىۋاتقان ۋە يىغلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالغان. بۇ ھەقتە تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا بالىنىڭ 5 ياش ئىكەنلىكى، ئىسمىنىڭ نەسرۇللا ئىكەنلىكى ۋە لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزا قارقىي كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن لوپ ناھىيەسىگە قارىتا بىر قاتار تېلېفون زىيارەتلىرى ئېلىپ باردۇق. يېزىلىق ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تورلاردىكى تېلېفون نومۇرلىرى ئىشلىمىگەندىن كېيىن، بىز مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى مەزكۇر پاجىئە ھەققىدە ئۆزى تەۋە كەنتتە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ خەۋەر قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاھالىلەردىن يەنە بىرى مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى، يەنى 16-دېكابىر كۈنى كەنتتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئۇقۇپ ئۆتۈلگەن ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بەش ياشلىق نەسرۇللا شەنبە كۈنى بىرقانچە بالىلار بىلەن سىرتتا ئويناۋېتىپ ئۆستەڭ بويىغا يېقىنلاشقان ۋە سۇ ئىچمەكچى بولغاندا تېيىلىپ كېتىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن.

سامپۇل يېزىسىدىكى كەنت كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەسرۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئىسمى يۈسۈپ توختى، ئانىسى بۈۋىپاتەم تۇرسۇنروزى ئىكەن. نۆۋەتتە 28 ياشلىق يۈسۈپ توختى لوپتىكى لاگېردا، 27 ياشلىق بۈۋىپاتەم غۇلجادىكى بىر تۈرمىدە ئىكەن. بۈۋىپاتەم 2 يىل بۇرۇن ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ» قە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، يولدىشى يۈسۈپ توختى ئايالىنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» سەۋەبلىك «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن ئىكەن. ئائىلىدىكى يالغۇز بالا نەسرۇللا كېسەلچان بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالغان ئىكەن. 71 ياشلىق بوۋاي مەتتوختى ئىمىن بىلەن 68 ياشلىق موماي قەمەر سايىمنىڭ بالىغا ئەگىشىپ سىرتقا چىققۇدەك ھالى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىش قازاسىدىن قوشنىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىر كۈن كېيىن خەۋەر تاپقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئارىدىن 5 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما نەسرۇللانىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىسىنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ياكى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغان.