ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئەلنىگار ئىلتەبىر ئاق سارايدىكى يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019.08.14
elnigar-xanim-doklat-bermekte.jpg ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم «ئاخباراتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچى» ماۋزۇلۇق دوكلات بەرمەكتە. 2011-يىلى 26-سېنتەبىر، ئېستونىيە.
Social Media

ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئەلنىگار ئىلتەبىر ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلنىگار ئىلتەبىرنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە رولى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي سىياسىتى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىدىكەن. بۇلار يەنە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ھەربىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى مەزكۇر ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ-ئوكيان بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى فرانسىسكو بېنكوزم ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ بۇ خىزمەتكە ئولتۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۈستەلنىڭ قارىشى تەرىپىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇرۇش ئېھتىماللىقى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان پەيتتە ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشتى.

ھالبۇكى خەۋەردە ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ ئاقسارايدىكى خىزمىتىنى باشلىغان ياكى باشلىمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.