بەھرام سىنتاش: «%90 نى ئىسپاتلا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.08.02
ProveThe90.jpg بەھرام سىنتاش ئەپەندىم باشلاتقان «90% نى ئىسپاتلا» ناملىق خەشتەگ چاقىرىقى.
Social Media

30-ئىيۇل كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار ئەڭ قىزىقىپ سوئال سورىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپ قېتىملاپ تەكىتلەنگەن لاگېرلار مەسىلىسى بولدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «ئۆتكەن ئىككى يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەربىيەلەشكە قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەمئىيەتكە قايتىپ كەلدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى» دېدى.

ھالبۇكى، شۆھرەت زاكىر ئېيتقان «ئۆتكەن ئىككى يىل» دېگەن مۇددەتتە جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەن لاگېر مەھبۇسلىرى توغرىسىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى بەس-بەستە ئىپادىلىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!» ناملىق تور چاقىرىقىنى باشلىغاندا بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بەھرام سىنتاش بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىمالال سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندا ئاندىن بۇ گەپلەرگە ئىشەنسەك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خاتاسىنى توغرىلاش ئۈچۈن ئالغان بىر قەدىمى، دەپ قارايمىز» دېدى. ئۇ يەنە «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قويۇپ بەرگەنلىك ھەققىدىكى باياناتىنى پۈتۈنلەي يالغان، دەپ قارىغۇچىلارنىڭ بىرى ئەل سۆيگەن كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۈيئوغلى ئارسلان ھىدايەت. ئۇ ھازىرغىچىمۇ ئادىل مىجىتنىڭ لاگېردىن چىققانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئارسلان ھىدايەت «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!» چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنلا بۇنىڭغا يېقىندىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. 

ئارسلان ھىدايەتنىڭ پىكرىچە، لاگېردىن ئادەم قويۇپ بېرىشنى شۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ھۆرلۈكى ئەمەلىيەتتە جارى بولمىغۇچە يەنىلا گۇمانلىق، دەپ قاراش لازىم ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ كېتەلىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن. 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاپىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەريەم سۇلتانمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاپىسىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ راست ئىكەنلىكى رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىدى. ئەمما شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان كۈنى ئۇ ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالىغان. ئەمما ئاپىسى ئۆزىنىڭ ھېچقاچان لاگېرغا بارمىغانلىقىنى، ئەكسىچە پېنسىيە مائاشىنى ئېلىپ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. 

بىز ئۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويساق لاگېردىكى تۇغقانلىرىمىز چىقالمايدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىش خاھىشى توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بىز ئۇنىڭدىن «ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش توغرا كەلسە ئۇلارغا نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟» دېگىنىمىزدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا شەخسىي باياناتى بارلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ خىلدىكى گۇمان توغرىسىدا سۆز قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى نىكولاس بېكولىن «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان لاگېرلار ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مەسىلىسىدە كىشىلەرنىڭ ئېغزىنى يۇمۇش ئۈچۈنلا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلىمىدۇق» دەيدۇ. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباسمۇ بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ «مەن تېخى لاگېردىكى ھەدەمنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىمىدىم» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.