ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى: «پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى ئىلمىي يېتەكچى ۋە تەلەپچان ئۇستاز ئىدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.04.04
Abdukerim-Rahman-01.jpg تونۇلغان فولكلورشۇناس، پېشقەدەم ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

«شاھىت بىز تورى» 27-مارت كۈنى ئېلان قىلغان «تۈرمىدىكى ياشانغانلار» تىزىملىكىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، تونۇلغان فولكلورشۇناس مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھماننىڭمۇ ئىسمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان 2018-يىلى 1-ئايدا 78 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 2020-يىلى 18-ئاۋغۇست كۈنى ئۆيىدە مىرزا قاماقتىكى مەزگىلىدە ۋاپات بولغان.

ئەينى چاغدا مەرھۇم ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا، ئۇنىڭ زىققا كېسىلى بىلەن 2020-يىلى8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە 80 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

 ئەمما ئەينى چاغدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. رادىيومىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

 پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مەرھۇمنىڭ جىنازا مۇراسىمى كوۋىد يۇقۇمى باھانىسى بىلەن قاتتىق كونتروللۇق ئىچىدە جامائەتسىز ھالدا پەقەت ئائىلە ئەزالىرى بىلەنلا ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

تۈركىيە نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسور دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى(سولدا) ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە. 2015-يىلى ئۈرۈمچى.
تۈركىيە نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسور دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى(سولدا) ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە. 2015-يىلى ئۈرۈمچى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا قەبرىستانلىققا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن.

 مەرھۇم ئابدۇكېرىم راھمان 1940-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى، شۇنداقلا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ماگىستىر ۋە دوكتور يېتەكچىسى. ئابدۇكېرىم راھمان 1964-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەرس بەرگەن. 1980-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1985-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1980-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتى بويىچە تۇنجى قېتىم تەتقىقاتنى باشلىغان مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ.

پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتى بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە 20 دىن ئارتۇق كىتابى، 150 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «قەشقەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى قورال كىتابلاردىن بولۇپ قالغان.

پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىنغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىدىن پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى مۇھىم دەرسلىككە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەشھۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان  ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى.
مەشھۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى.
RFA/Erkin Tarim

 ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يەنە پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان تۈركىيەگە كەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان 1987-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە تۈركۈم ماگىستىرلار ۋە دوكتورلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى نەچچە ئونغا، دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 10 دىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى كېيىنكى يىللاردا بۇ ساھەدە تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ قالغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتىلى خانىم پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئۇيغۇر فولكلورى كەسپىدە تەربىيەلىگەن ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر بولۇپ، ئۇ ئۇستازى ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى، تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۆزىدە قالدۇرغان ئۆچمەس تەسىراتلىرى توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى.

 مېھرىئاي مەمتېلى خانىم، ئۆزىنىڭ پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماندا ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان دەۋرنى ئەسلەپ، مەرھۇم ئۇستازى ئابدۇكېرىم راخماننى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ يولباشچىسى شۇنداقلا بۇ ساھەدە بىر ئەۋلاد ئىلىم ئەھلىنى يېتىلدۈرگەن تەلەپكار ئۇستاز ۋە مېھرىبان ئاتا دەپ تەرىپلىدى.

مېھرىئاي مەمتېلى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېشى 80 گە ئۇلىشىپ قالغان پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننى لاگېرىدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇشى، قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنى ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە جامائەتنىڭ كېلىشىنى توسۇش قىلمىشلىرىنى «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بىر مىسالى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئۇستازى ئابدۇكېرىم راھمانغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە بۇ ساھەدىكى سەرخىللىرىنى يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان ھەققىدە دەررېن بايلېرغا ئوخشاش چەت ئەللەردىكى تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، «خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار» تەشكىلاتى، «ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورگانلار 2018-يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز باياناتلار ئېلان قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.