ئاتاقلىق ئەدىب ۋە شائىر ئابدۇللا ساۋۇت تۈرمىدىن كېسەل چىقىپ داۋالىنالماي جان ئۈزگەن
2022.12.27
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلاردىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەردىن «قانلىق قىرغاق»، «چاقماق» ۋە «دات باسماس قىلىچ» قاتارلىق رومان ۋە پوۋېستلارنىڭ ئاپتورى ئابدۇللا ساۋۇت ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن ھالى خاراب چىققان يازغۇچى، يۇرتىدىكى يۇقۇم قامالىنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە داۋالىنىش چەكلىمىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن. نەتىجىدە مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى 72 يېشىدا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان.
بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مول ھوسۇللۇق ئەدىب ۋە شائىر ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى. بۇ ھەقتە تۇنجى بولۇپ تىۋىتتېردىن ئۇچۇر بەرگەن نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇللا ساۋۇت مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى جان ئۈزگەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىرقانچە مەنبەدىن سۈرۈشتە قىلىشىچە، ئابدۇللا ساۋۇت، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ئىككى ئاي ئىلگىرى كېسەل ھالەتتە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، قىزىلسۇدا تۇتقۇندىكى يازغۇچىلار ئارىسىدا ئابدۇللا ساۋۇت ئىسىملىك بىرسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، تىزىملىككە قاراپ چىققاندىن كېيىن «بار» دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئۇنىڭ 18-دېكابىر كۈنى ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى.
تور ئارخىپلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1950-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا تۇغۇلغان ئابدۇللا ساۋۇت، 1974-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن. 1973-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ئاپتور، ئۇزۇن مەزگىل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. 1988-يىلدىن 1996-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىىي يازغۇچىسى بولغان.
ئۇ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىىي ھاياتىدا، «قانلىق قىرغاق»، «چاقماق»، «دات باسماس قىلىچ»، «ھاياتلىق زەنجىرى»، «شراق» ۋە «ئەۋلىيا ئوت» قاتارلىق رومان، ھېكايە ۋە پوۋېىتلارنى يازغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇريار فوندى تۈزگەن تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تزىملىكىدە بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇللا ساۋۇت ھاياتى بويى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب تارىخىنى يورۇتۇش ۋە قەھرىمانلار ئابىدىسىنى تىكلەش بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئۇ دەسلەپكى تۇتقۇنلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يازغۇچىنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر چېكىنىش يۈز بەرگەن. دائىرىلەر، ئۇنىڭ ساقىيىشىغا كۆزى يەتمىگەندىلا، داۋالىنىشى ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، داۋالىنىش ئىمكانلىرىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان، يېتەرلىك ئوزۇق ۋە كېرەكلىك دورىغا ئېرىشەلمىگەن يازغۇچى، تۈرمىدە يېپىشقان كېسەلگە تاقابىل تۇرالمىغان.
مەزكۇر ساقچى خادىمى، يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ تۈرمىدىن كېسەل ھالەتتە چىققانلىقى ۋە ئۆيىدە جان ئۈزگەنلىكىنىمۇ دەلىللىدى.
ئاپتورنىڭ ھېرىسمەن كىتابخانلىرىدىن بولغان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئاپتور ۋە ئەسەرلىرىنى مۇنداق ئەسلەيدۇ:
يۇقىرىدا، مول ھوسۇللۇق ئەدىب ۋە شائىر ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ تۈرمىدىن كېسەك ھالەتتە چىققانلىقى ۋە قامال مەزگىلىدە داۋالىنىشقا ئىمكانى بولماستىن ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.