بېلارۇسىيەدە ۋاپات بولغان ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئايالى ۋە قىزى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.02.23
بېلارۇسىيەدە ۋاپات بولغان ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئايالى ۋە قىزى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى ئىستانبۇلدىن بېلارۇسىيەگە بېرىپ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان 44 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇراخمان ئابدۇل ئايالى نىساگۈل بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2020-يىلى، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىن بېلارۇسىيەگە بېرىپ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان 44 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيىسى ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئايالى نىساگۇل ۋە قىزى 21 ‏-فېۋرال كۈنى كېچىدە ئىستانبۇلغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى.

بىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابدۇل ۋە ۋاپاتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن ئايالى نىساگۇل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نىساگۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئالدى بىلەن مەرھۇم يولدىشى ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابدۇل ئەسلى تۇرپان ۋىلايىتىدىن بولۇپ بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن. ئۇ ئىلگىرى شەندۇڭ نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانىكەن. ئۇ، 2012 ‏-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان، كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ بىر مەزگىل مەلۇم بىر شىركەتتە بۇغالتىر بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا «ئىدىقۇت» نامىدا بىر رېستۇران ئاچقان.

ئىستانبۇلدىن بېلارۇسىيەگە بېرىپ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغان 44 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇراخمان ئابدۇل قىزى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2020-يىلى، ئىستانبۇل.

نىساگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار ھەم قىزىنى ياۋروپادا ياخشى ئوقۇتۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلى ياۋروپاغا كېتىشنى پىلانلىغانىكەن. مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابدۇل ۋە ئايالى قىزى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن بۇ يىل 1 ‏-ئاينىڭ 26 ‏-كۈنى ئىستانبۇلدىن بېلارۇسىيەگە بارغاندىن كېيىن ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىش جەريانىدا كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپ ئايروپىلانغا چىقالماي ئىككى ھەپتە بېلارۇسىيەنىڭ مىنسك شەھىرىدە قېلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق ئۇ شۇ يەردە داۋالانغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي 18 ‏-فېۋرال كۈنى ۋاپات بولغان.

نىساگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە فارابىي تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا قاراقاشنىڭ يول مېڭىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ بېلارۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە دىنى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ بېلارۇسىيەدىكى شۆبە مەسئۇللىرى ياردەم قىلغان بولۇپ، مەرھۇمنىڭ مېيىتى مۇسۇلمانلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

نىساگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش تېخنىكىلىرىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە تۈركىيەگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشىنى ئايروپىلانغا چىقىرىشقا ۋە يۆتكەشكە ئامال بولمىغان.

مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئىستانبۇلدا يېقىن ئۆتكەن دوستى مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى، مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابدۇل بىلەن كېسەل ۋاقتىدا تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى بەزى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارغا پۇل ئەۋەتكەنلىكىنى، بىراق شۇ پۇل ئەۋەتكەن كۈنى يەنى 18‏-فېۋرال كۈنى ئابدۇراخمان ئابدۇلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى، مەرھۇمنىڭ بەك تېز ۋە تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن بەك ئېچىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

نىساگۇل خانىم، مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تاماملىنىپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن 21‏-فېۋرال كۈنى كېچىدە قىزى بىلەن ئىستانبۇلغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قولىدا تۈركىيەدە مۇددەتسىز ئولتۇراقلىشىش رۇخسەت كىنىشكىسى بولۇپ، ئۇلار ئىستانبۇلغا كېلىشتە ھېچ قانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغان.

نىساگۇل خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزىمۇ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە دۇرا ئىچىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.