ئابىدىن داموللامنىڭ تىرىكىمۇ، كېسەل ھالىمۇ ۋە مېيىتىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سانالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.02.27
Abidin-damollam-1024 ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدىكى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابىدىن داموللام. (ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مارىيە مەمەت

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 96 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەن ئابىدىن داموللامنىڭ نورمال ھاياتىلا ئەمەس، كېسەل ھالىتىمۇ، ھەتتا مېيىتىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سانالغان. شۇڭا ئۇنى قاماقخانا سىرتىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا يول قويغان خىتاي ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسا، جان ئۈزگەندە مېيىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلماسلىق بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

96 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەن ئابىدىن داموللامنىڭ ئامېرىكادىكى نەۋرىسى مارىيە مەمەت خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەرھۇم خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئېغىر كۈرەشكە تارتىلغاندىن باشقا، 1990-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرسە، ئۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ھەم قاماقتا ياتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئىمامەتچىلىك ۋە مۇدەررىسلىك (دىنىي ئۇستازلىق) قىلغان نورمال دىنىي ھاياتىلا ئەمەس، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان كېسەل ھالىتىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سوت ھۆكۈمنامىلىرى تور بېتىدە ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ 2018-يىلى لاگېردىكى مەزگىلدە ئاغرىپ قالغىنىدا لاگېر سىرتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 50 كۈنچە داۋالىنىشىغا يول قويۇلغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە، مەرھۇمنىڭ شۇ قېتىملىق داۋالىنىشىغا يول قويغان خىتاي ئەمەلدار سوڭ كەيسەي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. بۇ جازا ھۆكۈمىدە يەنە شەرھلىنىشىچە ئابىدىن داموللام سىرتتا داۋالانغان شۇ 50 كۈن ئىچىدە، كۆپ ساندا خەتەرلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن.

مارىيە مەمەت خانىم، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، مەرھۇم داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە پەقەت بۇرۇنقى تالىپلىرىنىڭ مىللىي قائىدە-يوسۇن بويىچە، ئۇنى يوقلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، مۇشۇ يوقلىنىشنىڭمۇ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچىلار، ئابىدىن داموللام داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

مەزكۇر ھۆكۈمنامىدە «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەرغىباتچىسى» ۋە «نۇقتىلىق تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش ئوبيېكتى دەپ تىلغا ئېلىنغان ئابىدىن داموللام، تۈرمىدە جان ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مېيىتىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان. شۇڭا ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمايلا قالماستىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ نەزىر قاتارلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمىغان ۋە مۇسىبەتلىك ئائىلە مەھەللە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئىككى ھەپتىچە نازارەت قىلىنغان.

يۇقىرىقى سوت ھۆكۈمىدە ئابىدىن داموللامنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويغان خىتاي ئەمەلدارنىڭ 2001‏-يىلىدىن 2018‏-يىلىغا قەدەر 30 قېتىمدىن ئارتۇق، جەمئىي 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى پاكىتلىرى بىلەن قەيت قىلىنغان. بۇ ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابىدىن داموللامنىڭ تىرىكىمۇ، كېسەل ھالىتىمۇ ۋە مېيىتىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سانالغان بولسا، خىتاي ئەمەلدار سوڭ كەيسەي، پەقەت دۆلەتنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا پاسسىپلىق قىلغان چېغىدىلا، يارىماس ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.