تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.08.08
Ablikim-Iltebir.jpg تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى.
Photo: RFA

تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 2000-يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 2017-يىلى 8-ئايدا پېنسىيەگە چىققان ئىدى. ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۈگۈن، يەنى 2019-يىل 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەبداشلىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى كەسىپداشلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى.

8-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىغا قاراشلىق فايىرفاكس رايونى ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئايالى دىلبەر خانىم ۋە پەرزەنتلىرىدىن كۆڭۈل سورىدى ۋە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن پېنسىيەگە چىققان قۇربان ۋەلى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى ۋە كەسىپداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا مەرھۇم ئابلىكىم باقىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئامېرىكىدا مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدىكى ئوقۇتقان 10 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلاردىن روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قايغۇسى ۋە تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم مەيلى ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ئامېرىكىدا ياشىغان كېيىنكى يىللاردا بولسۇن، ئۇستازى ئابلىكىم باقىنىڭ ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

8-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرۈشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا، يەنى 1973-يىلدىن 1975-يىلغا قەدەر «قايتا تەربىيە» نامىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى گۆرجىلغا يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن. 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى 1992-يىلى 8-ئايدا ئائىلىسى بىلەن بىللە قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ، كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشتىن باشلانغان. ئۇ 1992-يىلدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر ۋە ناخشا تېكىستلىرى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1990-يىللاردىن كېيىنكى مۇھاجىرەت ھاياتىدىمۇ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ يىللاردىكى ئەسەرلىرىدىن «شەرقىي تۈركىستان قوللانمىسى»، «چۈشۈرگىدىكى ماجىرالار» «كۈرەشچان ئەجدادلار» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 9-ئاۋغۇست كۈنى چۈشۈرۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.