كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈننىڭ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2020.09.30
سەنئەت ھاياتى 30 يىل ئاۋۋال ماجىرالىق باشلانغان ۋە بىرنەچچە قېتىم خىزمىتىدىن توختىتىلغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈن 2017-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھە سەركىلىرى قاتارىدا ئەڭ دەسلەپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ دەلىللىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن 2018-يىلى 4-ئايدا رەسمىي قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
مانا مۇشۇنداق مۇڭلۇق ناخشىلىرى بىلەن تېخى يېقىندىلا سەھنىلەردە ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈن، 2017-يىلىدىن باشلاپ سەھنىدىن، 2018-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ جامائەت سورۇنلىرىدىن غايىب بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن 2017-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە سەپىرىدىن قايتىپ كېلىشىگىلا پاسپورتى ئايرودرومدا تارتىۋېلىنغان. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە لاگېرغا ئەكېتىلىپ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن ۋە 2018-يىلى 4-ئايدا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئابلىكىم كەلكۈن ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى ئابلىكىم كەلكۈن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى. ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىمۇ ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، 1965-يىلى تۇغۇلغان ئابلىكىم كەلكۈن 1981-يىلى ئاتۇش سەنئەت ئۆمىكىگە ئىشقا چۈشكەن؛ ئۇ سەنئەت ھاياتىنىڭ بۇ دەسلەپكى يىللىرىدا خىتاينىڭ باج سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان بىر ئىتوت ئىشلىگەن. بۇ ئىتوت سەھنىلەشۈتۈرۈلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنى بىر مەھەل خىزمەتتىن توختاتقان. 1990-يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن ئابلىكىم كەلكۈن» مۇئەللىم «،» ساتىراشخانىدا «ۋە» ۋالاقتەگكۈر «قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئېتوتنى قەلەمگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدا رول ئالغان. يېقىنقى يىللاردا ناخشا ساھەسىدىمۇ، ماھارەت كۆرسىتىپ،» ھەق بىر «،» قېرىنداشلار «ۋە» ئەسسالامۇئەلەيكۇم «قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن ئالقىش قازانغان.
تور ئاخرىپلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى يىللاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئويۇن قويۇپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يۇرت-ۋەتەن ھەسرەتلىرىگە مەلھەم بەرگەن ۋە شۇ قېتىملىق سەنئەت نومۇرلىرىنى جەملەپ» مۇھەببەت كۈيى «ناملىق پلاستىنكا چىقارغان. تور بەتلەردىكى ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن ئېتوتلىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئاساسلىق تېما قىلغان. گەرچە ئابلىكىم مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپىنى تىلغا ئالمىغان ۋە ئىتوتلار قويۇلۇشتىن ئاۋۋال بۇلارنى دائىرىلەر ئۆزلىرى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىتوتلار جەمئىيەتتە ئالقىشلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر مۇقىمسىزلىق ئەندىشىسى بىلەن ئابلىكىم كەلكۈننى مەزكۇر ئەسەرلىرى سەۋەبلىك نەچچە قېتىملاپ سوراققا تارتقان ياكى تەنقىدلىگەن. ئابلىكىم كەلكۈن گەرچە ئۇ يىللاردا، بۇ يازغانلىرىنىڭ بىر سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكى، سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ جازالىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، 2017-يىلىدىن كېيىنكى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى سىياسىي دولقۇندا ھۇجۇمنىڭ سىرتىدا قالالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزا ئازاق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا، ئاخىرقى قېتىم ئاتۇشتىكى ئاكىسىنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتناشقان ۋە دەسلەپكى قېتىمدا ئەنە شۇ توي سورۇنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
بىز ئابلىكىم كەلكۈننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگان ۋە شەخسلەردىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق، كۆپىنچە كىشىلەر ئابلىكىم كەلكۈننى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمى خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئابلىكىم كەلكۈننىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم ئابلىكىم كەلكۈننىڭ سوت ھۆكۈمىدىن ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ نەدە تۇتۇلغانلىقى، نەلەردە سوتلانغانلىقى ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.