ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشى 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈننىڭ «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي رادىكاللىق» ۋە «دۆلەت مائارىپىنى كەمسىتىش» قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ئاتالمىش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئابلىكىم كەلكۈننىڭ «قېرىنداشلار» ناملىق ناخشىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ناملىق ناخشىسىنىڭ بولسا دىنىي رادىكاللىققا پاكىت قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئابلىكىم كەلكۈننىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسلىشىگە باھانە قىلىنغان ئاتالمىش جىنايەتلىرى ئۈستىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاساسى قاتلام سوت خادىمى ئابلىكىم كەلكۈن دېلوسىنىڭ ئالاھىدە دېلو ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆزىنىڭ بۇ دېلودىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئابلىكىم كەلكۈنگە بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق، دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق، مىللىي قۇتراتقۇلۇق، قارا تىزىملىكتىكى دۆلەتنى زىيارەت قىلىش، نۇقتىلىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئاتالمىش جىنايەتلەرنىڭ ئارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاتۇش سۈنتاغدىكى بىر ئەدلىيە خادىمى، ئابلىكىم كەلكۈننىڭ كىملىكى ۋە دېلوسىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشھۇر دىنىي زاتلاردىن لاگېردا جان ئۈزگەن مۇھەممەد سالىھ دامائوللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە پىكىرداشلىقى بولغان؛ بۇمۇ ئۇنىڭغا خەتەرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش نامىدىكى ئاتالمىش جىنايەتكە پاكىت قىلىنغان.
تور ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن 2015 -يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىدە ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللامغا دوپپا تەقدىم قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەلسۆيەر دىنىي ئۆلىمالارغا بولغان ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇغان بىر سەنئەتكار بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىپ كەلگەن بىر ئاتا بولۇپ، ئۇ ئىككى پەرزەنتىنى ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ۋە ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن تۇتۇلۇشتىن ئاۋۋالقى ئىككى يىلدا تۈركىيەگە بېرىپ كېلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى بولسا دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە خەتەرلىك دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاتالمىش جىنايەتلەرگە پاكىت قىلىنغان. يەنە ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ناخشا كېچىلىكىگە كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە ھاياجانلىق ئالقىش ياڭرىتىشى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دەپ قارالغان.
ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمى ئابلىكىم كەلكۈننىڭ نۆۋەتتە قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر سوت خادىمى، ئابلىكىم كەلكۈن ئۈستىدىكى سوتتا، ئۇنىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ناملىق ناخشىسىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» قا، «قېرىنداشلار» ناملىق ناخشىسىنىڭ بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە پاكىت قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
تور ئارخىپلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن سەنئەت نومۇرلىرىدا مىللىي بىرلىك ۋە ئىناقلىقنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان؛ سىياسىي جەھەتتە ھەق-ئادالەتنى ياقلاشنى، مەدەنىيەت جەھەتتە يىلتىزىغا سادىق بولۇش يەنى ئەجدادلار ئىزىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ياشلارغا ئىمان-ئېتىقادلىق بولۇشنى جەمئىيەتكە ياراملىق بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلغان. «مىسرانىم» تور بېتىدىكى بىر ئىنكاستا، ئابلىكىم كەلكۈن قاتارلىق سەنئەتكارلار ھەققىدە «ئۇلار جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى بار ئەركەك سەنئەتكارلاردىن ئىدى» دەپ باھا بېرىلگەن.
0:00 / 0:00